يېڭى يىلدا يېڭىچە قەدەم ئال (شېئىر) - ئابلىمىتجان ۋاھاپ تەنھا تۇرنا

يىڭى يىلدا يىڭىچە قەدەم ئال
ئابلىمىتجان ۋاھاپ تەنھا تۇرنا

يەلكەڭنى ئازاب ئوقىبەت، تاغ كەبى باسسىمۇ،
يولۇڭنى كۆرەلمەسلەر ،قاشا ياساپ توسسىمۇ.
ئاقنى قارا كۆرسىتىپ كۆزۇڭنى، بوياپ يۇرسىمۇ،
پىسەنىت قىلماي يىڭى يىلدا، يىڭىچە قەدەم ئال.

ئىغىزىدىن چىقارسا پىتنىخورلار يوق  خەۋەرنى،
نىيىتىدىن يانمايلا قوشۇپ،سانجىسىمۇ زەھىرىنى.
ياراتماي ئۆزىنى شىر بىلىپ،كۆرسەتسە قەھرىنى،
پىسەنىت قىلماي يىڭى يىلدا،يىڭىچە قەدەم ئال.

كۆرگەنلىرىڭ يىقىن ئىدى،ساڭا ئۇلار ئۆز،
قولۇڭدىكىگە ئىرىشەلمىگەچ كۆپتۇر ھەسەت سۆز.
نىيىتىدۇر سىنى يىقىتسام ،دەپ تىكىلدىغۇ كۆز،
پىسەنىت قىلماي يىڭى يىلدا،يىڭىچە قەدەم ئال.

ئىتمۇ قاۋاپ توختايدۇ،توختىماس كارۋان يەنە،
سەن داۋام ئەت يولۇڭنى ،قارىما قىلسا ھەر قىلىق.
ئۇلار ئۆزىنى كۆردى بىلىقچى،سەن كۆرۇندۇڭ بىلىق،
پىسەنىت قىلماي يىڭى يىلدا،يىڭىچە قەدەم ئال.

سەنمۇ ئوغۇل،سەنمۇ ئەركەك،ياشىمامسەن ئادەمدەك،
سىنى كۆرمەي ئادامدەك كۆرسە قارامسەن ھايۋاندەك.
ئىسىل بەردىڭ جاۋاپنى،سەن تەپمەيسەن ئىشەكتەك،
پىسەنىت قىلماي يىڭى يىلدا،يىڭىچە قەدەم ئال.

--تەنھا تۇرنىغا
     





50 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-31 4:36:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ