مەسئۇلىيەت
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر
زاۋاللىققا يۈزلەنسە مىللەت ،
بۇنى پەقەت ئەردىن كۆرەمسەن .
ئەۋجى ئالسا ھەتتا جاھالەت ،
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
توغرا ئەرنىڭ كۆپ ۋەزىپىسى ،
شۇڭا كىرەك سەزگۈر ياشىشى .
لىكىن يامان دىدى بەزىسى ،
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
ئىللەت بىلەن قورشالسا ئالەم ،
ئادىمىيلىك يوقاتسا ئادەم .
سەۋەپچىسى ئەرلىما ھەردەم ،
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
ئەخلاقسىزلىق چىقسا ئەۋجىگە ،
كىرسە ھەممە شەيتان كەينىگە .
تىرىشامدۇ ئەرلا تۈزەشكە ،
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
مەسئۇلىيەت ھەم خاتالىق بوشلۇق ،
قىزدىمۇ بار ئۆزىگە چۇشلۇق .
بولماي قالسا ھەممە ئوڭۇشلۇق ،
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
بىز ئۆز ئارا سۆكسەك تىللىساق ،
ھەم ھىچقاچان كۆزگە ئىلمىساق .
ھەل بولامدۇ ھەمكارلاشمىساق ،
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
يامان يولنىڭ يادرۇسى ئەسلى ،
ئۇنتىغانلىق ئىگەمنى ھەقنى .
ئىتتىرمەيلى شۇڭا ئىللەتنى ،
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
ھەركىم مەسئۇل بولسۇن ئۆزىگە ،
ئالدانمىسۇن شەيتان سۆزىگە .
ھەقنى سالسۇن دوستى يۈزىگە ،
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
بىرلىشەيلى بىز تۆت قۇلاقتەك ،
قولۋاقتىكى بىر جۈپ پالاقتەك .
تامچە تامچە چۈشكەن بۇلاقتەك .
مەسئۇلىيەتنى ئەردىلا دەمسەن .
2016.6.13.كۈنى. دۈشەنبە .
غولجا .
| 24 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر 📝 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-18 12:02:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|