تىلەكسىز يۈرەكلەر توڭلىغان شۇ كۈن
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
قارايسەن پەرىشان سۇلغۇن چېھرىڭدە ،
چىن-مېھىر ھارارەت قونماس دىلىڭگە.
ئۇنتۇيسەن بارچىنى تۇرماس تىلىڭدە ،
تىلەكسىز يۈرەكلەر توڭلىغان شۇ كۈن .
تۇيۇقسىز قالىسەن يالغۇز ھېس قىلىپ ،
بىر دۇنيا ، بىر ئۆزۈڭ قالغاندەك بىلىپ .
ئازۇلىرىڭ قالمايدۇ ئۈمۈدسىز قېلىپ ،
تىلەكسىز يۈرەكلەر توڭلىغان شۇ كۈن .
توۋا مەن نىمە بولدۇم دەپلا قالىسەن ،
كاچاتلاپ ئۆزۈڭنى يىغلاپ سالىسەن .
يۈرەكلەر قىينىلىپ نالە قىلىسەن ،
تىلەكسىز يۈرەكلەر توڭلىغان شۇ كۈن .
ھەيرانمۇ قالىسەن ئەتراپقا قاراپ ،
ناتۇنۇش خۇددى تۇنۇش كوچىمۇ.
مۇزلايدۇ قۇياش تەپتىدىن ھەتتا بەدەنمۇ،
تىلەكسىز يۈرەكلەر توڭلىغان شۇ كۈن.
ساراڭدەك ھېس قىلسەن خۇددى ئۆزىڭىنى ،
پىچاقتا تىلغاندەك قەلىب كۆزىڭىنى .
ھەممىسى ئىشەنچسىز كۆرىسەن ساختىنى ،
تىلەكسىز يۈرەكلەر توڭلىغان شۇ كۈن.
2016-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچە
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 64 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-5 22:45:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|