ئاينىڭ نۇرى - ئابلىمىت ئابلا

ئاينىڭ نۇرى
ئابلىمىت ئابلا

بۈگۈن كىچەخىلۋەت ھەم جىمجىت،
بىراق نۇرچاچتى تولۇن ئاي بۈگۈن.
مەن كۈيلەيمەن ئايدىڭ كىچىنى،
خىيال ئىلكىدە تىمتاسلا  ئۆزۈم.

ھويلام پۇراپ قىزىل گۈل بىلەن،
سەلكىن ئۆتتى دىماقتىن ئۈزۈپ.
سۈت رەڭگەدەك ئاينىڭ نۇرىدا،
كىزەر قەلبىم  نۇرلۇق  كىچىنى.

پىلىلدارتولۇن ئاي نۇرلۇق پىلىكى
ئىقىپ  چۈشەر  يۇلتۇزلار ئارا.
ئۈنچە- ئۈنچەتۆكۆلدى يۇلتۇز،
سىغىندىم ئۆتكەن گۈزەل ئۆتمۈشنى .

ئاستا ماڭىمەن قەدەملەر ئىلىپ،
تىنىمەن چوڭقۇر مەمنۇنلۇق ھاۋا.
ئاينىڭ نۇرى ئۆچمىدى ئۇزاق،
ئورناپ كەتتى قەلبىمگە  مانا.


2015.7.21





146 قېتىم كۆرۈلدى urtanma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 23:48:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ