باينىڭ قىزى (ناخشا تېكىستى) - تۇرسۇنجان قايىم

 گۈزەل يۇرت باينىڭ قىزى

(ناخشا تېكىستى)

ئاپتورى تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»

بىر قاراپ ئەقلىم ئالۇر،
شوخ يۈرەككە ئوت سالۇر.
بۇ كۆڭلۈم سەندە قالۇر،
گۈزەل يۇرت باينىڭ قىزى.

چېچى تال تال سۇمبۇلە،
بەكمۇ ئىشچان گۈل لالە.
كۆڭلۈڭ  بېرىپ  باققىنە،
گۈزەل يۇرت باينىڭ قىزى.

مەن مەلەڭدىن ئۆتكەندە  ،
سېنى كۆرگۈم كەلگەندە .
چىقماي قويدۇڭ كۈتكەندە،
گۈزەل يۇرت باينىڭ قىزى .

ساڭا بەكمۇ كۆيەرمەن،
چىن دىلىمدىن سۆيەرمەن.
جاۋابىڭنى   كۈتەرمەن ،
گۈزەل يۇرت باينىڭ قىزى.

2016 .  12  .23
ئاپتور ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىپ نامسىز تارقاتماڭ
     





110 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-24 15:54:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ