بىر شائىرغا ....
(تاجىنىسا نەمەت )
ئەي سۆز خەزىنىسىنى ئاياپ ئىشلەتكۈچى ،
مېھىرلەر ئىشىكىدە زارىققۇچى،
چېقىلىپ سۇنغان
كۈكۈم - تالقان بولغان،
پۇچۇلغان ھورناندەك يۈرۈكى بىلەن،
ئازاپنىڭ يىلاندەك سوزۇلۇپ كەلگەن تىللىرىنى يەنچىگۈچى .
مەشھۇم تەقدىرنىڭ ئىسكەنجىسىدە
بوغۇچلانغان قولىنى سوزۇپ ،
شېئىر ئاتلىق مەشۇقى ئۈچۈن
سۆيگۈ تەرمەچلىرىنى تەرگۈچى .
بوينى قىلدا باغلانسىمۇ گەر
بارلىق ۋە يوقلۇقنى
سۈكۈت ۋە شادلىقنى
كۈلۈپ تۇرۇپ تارتۇقلاپ
ئۆلۈمنى ئۆلتۈرگۈچى .
ئىپپىتىنى يۈتتۈرگەن كېچىلەرنى قارغاپ،
سەھەرنىڭ زەر نۇرلىرىغا جان تەسلىم ئەتكۈچى ،
قېنى سەن ،
قەيەردىسەن ؟ ؟ ...
كىرپىكىمگە بىر رەت ئىلىنىپ ،
كۆز يېشىمدەك ئېقىپ كەتكۈچى .
تاڭ ئاتماس تۈن يوققۇ ،
سەن بەك ئۇزۇن يۈرۈپ كەتتىڭ
مىكىرلەر يامراپ تۇرغان
رەسۋاچىلىقلار بەدبۇي تارىتىۋاتقان
قاراڭغۇ كېچىنىڭ قاباھەتلىك كوچىسىدا .
بەس،
ئەمدى قايتىپ كەل !
زۇلمەت سېنى يۇتۇپ كەتكۈچە،
قەتلى قىلسۇن مۇھەببەتنىڭ زوراۋانلىقى .
بەلكىم سۆيگۈ تەرمەچلىرىڭ
چاراسلاپ كۆيۈپ ئايلاندى زور يانغىنغا ،
مەشۇقۇڭنىڭ تۈتەپ تۇرغان باغرىدا .
بەلكىم ئېڭىڭدىكى توسۇن تاينىڭ
ھېچكىم سەزمىگەن بىر سائەتلەردە
چۇچۇلا بوپ كەتتى ياۋايىلىقى ...
بەلكىم،
يورۇغان تاڭلاردىن بىر ئىشىك ئېچىلار ،
شېئىرىيەتنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى
ئاشىقنىڭ ۋەتىنىغۇ ئاخىر،
مەلھەم سېپىپ جاراھىتىڭگە
ئەتىيازنىڭ كۆكاتلىرىدەك
سېنى قايتا ياشىتار شېئىر .
تىكەن دەسسەپ ماڭغان پۇتلاردا
قېپ قالسىمۇ ساناقسىز يېغىر،
ھەقىقەتنى يۈدگىنىڭ ئۈچۈن
ئىزلىرىڭدىن گۈللەر تېرىلار ...
كەل !
ئەي ، دىل بايانىنى كەشتىلىگۈچى،
ئەي ئۆزىدىن ئۇزاپ كەتكۈچى .
بىر تامچىدىن قۇياشنى كۆرۈپ
بىر سۈزۈك قەترىنى ئوكيان دەپ بىلىپ
چاك باغرىنى مەستخۇش ئەتكۈچى .
كەتمەس بولۇپ كەل،
يۈتتۈرۋەتكەن قەلىمىڭنى
ئۈركۈتىۋەتكەن ئىلھامىڭنى
خارابىلەرگە كۆمۈۋەتكەن پاساھەت دۇردانىلىرىڭنى
بالاغەت بوسۇغىسىدا تەئەججۈپلەنگەن ئىزگۈلۈكلىرىڭنى
بىر-بىرلەپ تېپىپ،
نىمكەش چاپىنىڭنىڭ ئىچ يانچۇقىغا سېلىپ
ئەلنىڭ كۆزىدىن كۆرگىنىڭنى
مەن كۆرگەن ھىلىقى قەلەمگە سىياھ قىلىپ
تايماس بولۇپ كەل،
تانماس بولۇپ كەل !
ئىشقنىڭ چىللاپ تۇرغان باغرىدىن
قايتماس بولۇپ كەل ! !
| 26 قېتىم كۆرۈلدى | Sarwi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-27 9:00:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|