كېچە ۋە چۈش

كېچە ۋە چۈش

 

ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك

 

 كىمنىڭدۇر ئۇنتۇلغان ئۇزۇن چۈشىدەك،

ئۇنتۇلۇپ كېتشنى ئويلاپ باقىسەن.

 سېغىنغان ئۇيقۇڭ ئۇ كەتكەن بىرياققا،

تىكىلىپ تۇرۇسقا ئوڭدا ياتىسەن.

 

 شۇنچىلىك يىراقتەك بىلىنەر ھەممە،

 ۋەبەلكىم ھەممىسى كەتكەندۇ ئۇزاپ.

 ئەسلىمەڭ قوينىغا بارىسەن چۈكۈپ،

 قىينايدۇشۇتاپتا ئەڭ شېرىن ئازاب.

 

 دىلىڭدىن ئۇخچۇيدۇ بىر شېرىن ئارزۇ،

 كىمنىڭدۇر چۈشىگە بارغۇڭ كېلىدۇ.

 كېيىمىڭ ئېچىدىن يالىڭاچ چىقىپ،

 يۈرەكنى قوش قوللاپ يارغۇڭ كېلىدۇ.

 

 سۈكۈت ھەم جىمجىتلىق قاپلار ھەرياننى،

 بۇكېچە بەك ئۇزۇن ئۆزۈڭگە ئايان.

 ماڭماقنى ئويلىدىڭ يېراق ئۇپۇققا،

 ۋە بەلكىم كۆز تىكىپ مەنزىلىڭ تامان.

 

 2016/1/5كېچە يۇرتى قاراقاش





113 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-4 23:04:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ