ئويغانغىن ئۇستازلار، روھلىرىڭ قېنى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
قاخشايمىز ھەممىمىز،سۈپەت تۆۋەن دەپ،
تەكشۈرۈپ باقمىدۇق،سەۋەب نەدە دەپ،
بىلمەمدۇق يىتەكلەش مۇھىملىقىنى،
سورىمايمىز باغۋەنلەر نېمە قىلدى دەپ.
مۇنبەرگە چىقامدۇق،ئۇدۇل كەلسىلا،
سۈپەتنى ئويلاشماي،كۈننى ساناپلا،
شۇنداقلا ئۆتەرمۇ مۇئاشنى ئويلاپ،
يۈزلىرى بوياقلىق باغۋەن بولسىلا.
دەيدىغۇ ھەممىسى،باغۋەن مۇھىم دەپ،
بىلمەسمۇ باغۋەنلەر مۇھىملىقىنى،
مائارىپ ئوخشىماس ئېتىز ئىشىغا،
ئۆگىتەر ھەممىگە ياشاش يولىنى.
ئوقۇغان مەكتىۋى ياخشى بولسا دەپ،
ۋە ياكى قامىتى يارىشىپتۇ دەپ،
مۇنبەرگە چىقسىلا،شەرەب بولارمۇ،
قىلچىمۇ ئويلىماي،روھى قانداق دەپ.
ئاقارتىش ئىشلىرى ۋەزىپە ئەمەس،
قىلچىمۇ ئوخشىماس ھاشار،ئەمگەككە،
قىلمىساق ئەقىدە،مېھنەتلىك ئەجىر،
قىزىرار يۈزىمىز ناننى يىيىشكە.
مېھىرلىك بولمىسا تۇتقان يولىمىز،
ئوخشىماي قالىدۇ ئىچى-تېشىمىز،
باغۋەنلەر روھلىرى سۇسلىسا ئەگەر،
تاۋلىنىپ چىقارمۇ ئەۋلاتلىرىمىز.
ئويغانغىن ئۇستازلار،روھلىرىڭ قېنى،
ئويلىما شەرەپنى،مېھرىڭنى بەرگىن،
ئويلىغىن كەلگۈسى قۇرغۇچىلارنى،
كۈنلىرىڭ ئۆتسىلا خۇشال بولمىغىن.
مېھىرسىز نۇرلانماس سەبى قەلبلەر،
بېغىشلاش بولمىسا ئۇستاز روھلىرى،
پەرۋىشلە چىن دىلدىن ئەۋلاتلىرىڭنى،
نۇرانە جانلانسۇن تەۋپىق روھلىرى.
40 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-10 9:08:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|