سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن
ئېلىجان ئابدۇكىرەم
سېنى تۇنجى كۆرۈپ قاپتىمەن ،
جامالىڭغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
كىچە لىرىم ئۇيقىدىن ۋىدا،
سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن .
ئاڭلاي دەيمەن خۇش ئاۋازىڭنى،
كۆرەي دەيمەن ئۇز جامالىڭنى.
بىلەي دەيمەن دەردۇ ھالىڭنى،
سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن .
ئەيىتقىم كەلدى ساڭا سىرمنى،
قەلبىمدىكى ئىزھار لىرىمنى.
قوبۇل كۆرگىن مۇھەببىتىمنى،
سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن .
جامالىڭنى كۆرگىم كېلەدۇ،
لەۋلەرىڭگە سۆيىم كېلەدۇ.
گۈل باغلاردا يۇرگىم كېلەدۇ،
سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن .
يۆرەلمەيمەن ھاياتتا سەنسىز ،
يۈرى ۋەرمە يالغۇزلا غەمسىز.
مەنمۇ كۈلەي بىركۈن ئەلەمسىز،
سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن .
دىمەي دىسەم جېنىم قېينالدى،
بۇ يۈرەكىم ئوت بولۇپ ياندى .
مۇھەببىتم سەندىلا قالدى،
سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن .
ئېلى جان ئابدۇكىرەم
ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۇچلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئۈندىدار 2318334127
| 64 قېتىم كۆرۈلدى | ئېلىجان ئابدۇكىرەم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-30 10:06:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|