سەھرادىكى ئانىلار - سەلىمە جالامۇدۇن
سەھرادىكى ئانىلار

سەلىمە جالامۇدۇن

سوئاللار بەزمە قۇردى مىڭەمگە،
دەپ،سەھرا ئانلىرى قانداق يارالغان.
مەن دىدىم:ئەمگەكتور ئۇلارنىڭ جىسمى،
قەلبىگە ئىشچانلىق ئوت بوپ تارالغان.

بارساڭ گەر كۆرمەك بوپ سەھرايىم تامان،
ئىشتا ئۇ،پوشقاق تۆرۈپ ئىتىز بىشىدا.
قولىدا ئۇغاق ئورىدۇ ئومېنى،
قاتتىق نان،موزدەك سۇ تورار قىشىدا.

سۈپ-سۈزۈك چىرايى ئاپتاپتا كۈيگەن،
كۆن بۇيى چىقمايدۇ تونۇردىن بىشى.
باشاقلار ئالتوندۇر ئولار قۇلىدا،
شو سەۋەپ تۆگۈمەس ئولارنىڭ ئىشى.

ئالتونلار ئۇلارنىڭ بىزىگى ئەمەس،
يۈرمەيدۇ رىستۇران كەبى قاتىراپ.
ئايال ئو ھەقىقى پەرىشتە سۈپەت،
ئۈتەركەن كۈنلىرى ئېڭىز ئاتىلاپ.

ئوپاۋە ئەڭلىكسىز تورسىمۇ يۈزى،
خىنىملار ئالدىدا ئۇلار ئەڭ گۈزەل.
ئالتۇندەك پارقىراپ تۇراركەن قەلبى،
پاكلىق ۋە ساداقەت بەرگەچكىمۇ ھەل.

ئولارنىڭ قولىدىن قوتۇلمايدۇ ئىش،
تاكسىيدا ئولتۇرۇپ باقمايدۇ ئولار.
كىچە ۋە كۈندۈز ئىشلەيدۇ بىراق،
ئەجىرنىڭ مىغىزنى چاقمايدۇ ئولار.

ئولوغدۇر سەھرا ئانىلار شونداق،
ئۈنىدۇ،قولدىن گۆل ئەجىردىن ئالتۇن.
ئېلتىجا قىلىمەن ئۆزەمگە ھەتتا،
ئەي قىزچاق كىيدۈرگىن شۇ ئاناڭغا تون.




36 قېتىم كۆرۈلدى salima ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 17:47:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ