شائىر قەلبى(قەلەم)
شائىر قەلبى

ئەكبەر مۇھەممەت ئەمىن سەئىدى

ئىلھام قىزى ئىشىك چەككەندە،
 قەلەمكەشلەر بولۇرمۇ غەمكىن.
 قەلىبلەرگە ئۈشۈك تەگكەندە،
 ئويغاق دىللار بۇلۇرمۇ تەمكىن.

 ئويغۇر، ئۆتكۈر قىلمايدۇ ھەۋەس،
 ئاچچىقلارنى دائىم يازماققا.
 قايغۇ ـ ئەلەم بولغاندا پەۋەس،
 ئۇ نائىلاج قاراپ تۇرماققا. 

 ئىلھام قىزى ئەتىۋا ئەمەس،
 قەلبى خۇنۈك پۇچۇق دىللارغا،
بىر جۈپ كۆزى تۇرىدۇ ئەلەس،
چاچالمايدۇ پۇراق يوللارغا.

 پۇل ئۈچۈنلا يازىدۇ بىرى،
 پۇل ئۇنىڭغا ئۆچمەس خۇدادۇر.
 چۆلدىن گۆھەر قازىدۇ بىرى،
 يالغان سۆزلەش ئاڭا گۇنادۇر.

 يازماق ھەۋەس ئەمەس ئەدىبكە،
 يىزىش ئۇنىڭ بۇلۇر دەرمانى،
 يازار پىغان تولسا قەلىبكە،
 يانار تاغلار بۇنىڭ مىسالى.

 يازماققا سەن قىلما ئىشتىياق،
 قىلساڭ ئۇنى تۇرمۇشقا كوزۇر.
ساختا يۈرەك بولۇر بىسىياق،
 بىرەلمەيدۇ ئۆزگىگە ھۇزۇر. 

- قەلەم




124 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر مۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-30 1:24:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ