كۆرەرمۇ كۆزۈڭ (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

كۆرەرمۇ  كۆزۈڭ
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

سەيلە قىلىپ باغىڭغا بارسام،
شاخلار قۇرۇق ھەم يوققۇ ئۆزۈڭ،
بوپتۇلا دەپ،كەچۈرۈپ سېنى،
مىۋېلەتتىم،كۆرەرمۇ كۆزۈڭ.

ئوخشاپ ھەممە بەكمۇ باراقسان،
قۇرۇت سەۋەپ،مەن ئاچچىق بولۇپ،
كېرەك بوپتۇ ھېلىقى باغۋەن،
پەرۋېش قىلدىم كەلگۈچە كۈتۈپ.

كونا باغۋەن كەلمەي،تىت-تىتلىق،
ئۆتتى كۈنلەر،ساقلاپ مىۋىلەر،
كۈنلەر ئىسسىپ،بوپ كەتتى تاتلىق،
بۈگۈن كەلدى،باغۋەن،بازارلىق.

ئۇنۇتقانمۇ بەتەر قاچقاننى،
قېچىش تۈگۈل،ئىزسىز قويغاننى،
كقوئەمما كىلىپ،رەھمەت يوق،توۋا،
بىلمىدىمغۇ،قۇرۇت تاپقاننى.

ئىنسانلارغا كېرەك مۇھەببەت،
مۇھەببەتتىن چىقار ھېكىمەت،
ئويلانغىنە،نەپەس ئېلىۋال،
ھەممە تۈگەپ،قالۇر مۇھەببەت.

مېھىر بولماي،ئىنسان قەدىرسىز،
ئەدەپ بىلگىن،تۇرمۇش رەھىمسىز،
يەتتە ئۆلچەپ،ئاندىن كەسكىنە،
ئىسراپ قىلماي كۈچنى دىسىڭىز.

مۇقۇملۇقتۇر باش نىشانىمىز،
ئىتتىپاقلىق ئەڭگۈشتەرىمىز،
باغنى بوستان قىلايلى دېسەك،
كۈچنى-كۈچكە ئۇلاپ ماڭىمىز.
     





84 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 21:51:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ