مەن سەھرانى سۆيىمەن - نەسىر

مەن سەھرانى سۆيىمەن

 

نەسىر

 

ئېلشاتچان ئېزىز

 

مەن سەھرانى سۆيمەن . چۈنكى مەن سەھرادا توغۇلۇپ، سەھرادا چوڭ بولغان، كېندىك قېنىم شۇ ئەزىز دىيار  بولغان ئولۇغيارنىڭ خاسيەتلىك توپرىقغا تۆكۈلگەن .

مەن سەھرانى سۆيمەن . باللىقمدىكى شۇ گۈزەل يۇرتۇم بولغان ئولۇغيارنىڭ كەڭ كەتكەن يايلاقلىردا ، قوي پادىلىرنى ئۇياق – بۇياققا قوغلىغىنمچە چىۋىقنى ئات قىلىپ مىنگەن شۇ گۈزەل مىنۇتلارنى، ھېرىپ – چارچىغىنمدا چىكەمدىن چىقان ئاچچىق تەرلىرىمنى كۆڭلىكمنىڭ يەڭلىكى بىلەن سۈرتۈپ ، شىلدىرلاپ ئاققان ئېرىق سۇللىرىنى ئوچۇم بىلەن ئېلىپ ئىچكەن شۇ گۈزەل چاغلارنى ئەسلەيمەن .

مەن سەھرانى سۆيمەن . سېنىڭ ئىللىق باغىرىڭدا چوڭ بولغان مېھنەتكەش دېھقان – چارۋىچى تاغىلارنى سۆيمەن . چۈنكى ئۇلار ھېرىپ – چارچاشنى بىلمەيدۇ ، ئۇلار تەبىئەتنىڭ تۈرلۈك بوران چاچقۇنلىردا ‹‹ قىشنى قىش دېمەي ، يازنى ياز دىمەي ›› ئىشلەيدۇ . قىلغان ئەمىگىكگە ھەرگىزىمۇ مىننەت قىلمايدۇ، مۇنچلىك بايلىق ياراتتىم دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويمايدۇ . ئۇلار ئەجىرسىز ئامەتكە ئېرششنى پەقەتلا خالمايدۇ . مانا ، ئۇلار مۇشۇنداق ئىنسان ! ئۇلارنىڭ كۆڭلى خۇددى دەيادەك كەڭ، پۈتۈن دۇنياغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلغۇچى قوياشتەك سېخي ۋە مەرد .

مەن سەھرانى سۆيمەن . سېنىڭ كۆپكۈك ئاسمنڭنى، بولغانمغان پاكىز مۇھتىڭنى سۆيمەن . ھەر قېتىم سەھراننىڭ ساپ ھاۋاسدىن چوڭقۇر تېنىپ نەپەس ئالغىنمدا، يۈرىكىم شىپا تاپقاندەك ، ۋۇجۇدۇم ئاجايىپ بىر خىل شىرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلىدۇ .

مەن سەھرانى سۆيمەن . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياپيېشل دەل – دەرەخلىرنى ، بىنەم شور تۇپىراقتا ئۆسكەن قۇمۇش ، يانتاق ، سۆكسۆكلەرنى ، ‹‹ چۆل پاسبانى ›› دەپ ئاتالغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمقى توغراقلارنى پۈتۈن ئىشقىم بىلەن سۆيمەن .

مەن سەھرانى سۆيمەن . بولۇپمۇ ئۇنىڭ مول – ھۇسۇللۇق ئالتۇن تۇپرىقنى ، كەڭ كەتكەن ئاشۇ بىپايان تۇپراقلاردىكى كىۋەز ، قۇناق ، بۇغداي مايسللىرنى ياخشى كۆرىمەن . ئۇلار دېڭىز دۇلقۇنلىردەك مول – ھۇسۇللنىڭ سادىق خەۋەرچسى سۈپتىدە توختماستىن دولقۇنلىنپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئاشۇ بىپايان تۇپرىقى سانسسز خەلقنى ئاشلىق بىلەن تەمنلەيدۇ ، ھەمدە پۈتكۈل كائىناتكى ھاياتلىقنى ئۆزنىڭ مېھنەتسىز قان – تەرى بىلەن دەسلەپتكى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ .

ئېھ  سەھرا !  كېندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانىجان تۇپراق . مەن سېنى سۆيمەن . سېنىڭ ھەر چىمدىم تۇپرىقڭىنى ، ھەر بىر تال |گۈل – گىياھىڭنى ، توپلىق يوللىرىڭنى مېھرىم بىلەن سۆيمەن .

چۈنكى سەن مېنىڭ ھاياتللىق يىلتىزىم . بۇ يەرىگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن قان – تەرى سېڭگەن ، ئۇلارنىڭ ئەجىر- مېھنتى بولغاچقلا سېنىڭ بۈگۈنىڭ بولغان .  ئېھ  سەھرا !  مەن سېنى مەڭگۈ سۆيمەن ۋە ئاسرايمەن . ئەجداتلىرىم ماڭغان ئاشۇ يوللارنىڭ ئىزدىن مېڭىپ ، سېنى كەلگۈسدە بىر گۈزەل مۇئەللەق باغچا قىلىپ قۇرۇپ چىقشقا تېرشىمەن .

 

2016 – يىل 12 – فېۋرال       (  ئونسۇ  )





378 قېتىم كۆرۈلدى yigqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-12 16:29:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-2 10:43:03 مەمتىمىن
مەن سەھرانى سۆيىمەن ناملىق بۇ ئ‍ەسەر ياخشى يىزىلىپتۇ ، ئۆزى ئ‍اددى بولسىمۇ ئەمما چىنلىق بار ، بولۇپمۇ توپا يوللىرىڭنى سۆيىمەن دىگەن بىر جۈملە سۆز ماڭا شۇنداق يارىدى ، بەزى دوسلار سەھراغا چىقايلى دىسىڭىز، نىمە بار ئ‍ۇ توپا چاڭ جايدا دەيدۇ ، بىراق بىز يەۋاتقان ئ‍ىسىل غىزا ،مىۋە چىۋە لەر شۇ توپا چاڭ تۇپراقتىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ