گۈلۈمگە ئىككى كەلىمە - مۇھەممەتجان ئەخەت(پېقىر)

 گۈلۈمگە ئىككى كەلىمە

مۇھەممەتجان ئەخەت(پېقىر)

كۆزلىرىڭ چولپاندىن رەڭ ئالغانمىدۇ،
چىشلىرىڭمۇ يىپقا مارجان تىزغاندەك.
قېشىڭنى ھىلال ئايدىن ئويۇپ ئالغانمۇ ،
گويا غازى ئەمەت شۇنداق سىزغاندەك.

يا جامالىڭ سىزغانغا ئوخشاپ كەتكەندۇ،
ياق سېنىڭ چىشلىرىڭ مارجانمۇ ئەمەس.
بەلكىم بۇ سۆزلۈرۈم كۇپۇر كەتكەندۇ ،
ئەمما شۇ سۆزلىرىم يالغانمۇ ئەمەس .

چاچلىرىىڭ قۇندۇزدىن بويالغان سىياق،
لېۋىڭدىن گىلاسنى ئېسىمگە ئالدىم.
جېنىمغا دار بولدى نامسىز ئىشتياق،
بىلمىدىم بۇ بالاغا مەن نەدە قالدىم.

نازلىرىڭ باھارنىڭ شامىلى گويا،
يەنە بىر كەلسە دەپ كۈتۈپ ياتقۇدەك.
يازغانچە سۆزلىرىم ھېچ تۈگىمەيدۇ يا،
قەلەمنى تۇتقانچە قېتىپ قالغۇدەك .

2016.10.24
     





99 قېتىم كۆرۈلدى pekir ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-24 3:55:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-26 0:55:32 buhalqam
yahxi qikiptu dawamlik muxundak eisl asarlarng xaeri boluxigzga tilakdaxman
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ