ئادەم ئەمەس تۈلكىلەر - ھەسەنجان ئۇچقۇن

         
ئادەم ئەمەس تۈلكىلەر
...........................................
نەزەر سالساڭ دۇنياغا بەك گۈزەل بۇ ئالەملەر،
ئەپسۇسكى بار دۇنيادا تۈلكە مىجەز ئادەملەر.
ئارتىپ قۇيار ئۆزگىگە قىلغان يامان ئىشىنى،
بىزنى قۇيار ھەسرەتتە ئادەم ئەمەس تۈلكىلەر.
........................................
يەتمەك ئۈچۈن نىشانغا بىزگە يېقىن بولدىلەر،
دۇنيا ئۈچۈن ئۇيالماي بىزنى قۇربان قىلدىلەر،
ھېيىقماستىن نۇمۇسسىز بوزەك قىلىپ ئاجىزنى،
بىزگە بەردى كۆپ ئازار ئادەم ئەمەس تۈلكىلەر.
...........................................
يىتىش ئۈچۈن ئارمانغا بىزگە يالغان كۈلدىلەر ،
دۇنيا تامان توختىماي يىتىمغا قەس قىلدىلەر ،
ھەتتا نۇمۇس قىلماستىن ئالداپ ساتتى سەبىنى،
ئاتا-ئانىنى زار يىغلىتىپ ئادەم ئەمەس تۈلكىلەر.
...........................................
ئەيشى-ئىشرەت دىسە گەر جان تىكتىغۇ بەزىلەر،
ئىچىپ-چىكىپ دائىما ئۆيگە كىرمەس كېچىلەر.
ساختا كۈڭۈل بىرەركەن ئالداپ ئەلنىڭ قىزىنى،
نابۇت قىلىپ بەختىنى ئادەم ئەمەس تۈلكىلەر .
..........................................
ئاتا-بۇۋىمىز تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇردىلەر ،
ئەۋلاد ئىزىنى باسالماي بىزگە خايىن بولدىلەر.
زىيان سېلىپ مىللەتكە ئادا قىلماي بۇرىچىنى .
شەنىمىزگە داغ تەككۈزۈپ ئادەم ئەمەس تۈلكىلەر.
..............................................
‏    ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن ....!
  كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280...!!
2016 - يىلى10 - ئاينىڭ 8-كۈنى ......!!!
     خوتەن.......!!!!!!

     





56 قېتىم كۆرۈلدى hasanjanuqk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 23:27:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ