ئاي يۈزۈڭدىن ئۇيۇلىدۇ ئاي (شېئىر) - تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى

ئاي يۈزۈڭدىن ئۇيۇلىدۇ ئاي 

تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى 

(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )


نىگاھلارنى قىلۇر بىئارام ،

زىلۋا بويۇڭ سۆيگۈلەرگە باي .

سۇمبۇل چېچىڭ دىلنى ئەيلەپ رام ،

ئاي يۈزۈڭدىن ئۇيۇلىدۇ ئاي .


ئاھۇ كۆزۈڭ ھەم  قەلەم قېشىڭ ،

جاننى ئېلىپ سالار يەنە جان .

زىبالىقتا يوقتۇر تەڭدىشىڭ ،

پەرىلەرگە سەن تەنھا خاقان .


تىلىڭدىن يار تۆكۈلۈپ كەۋسەر ،

پاك كۆڭلۈمنى يايرىتىدۇ شاد  .

شوخ كۈلكەڭدىن يۈرەك تەۋرىنەر ،

لەۋلىرىڭدە ياشنايدۇ ھايات .


بولدى ساڭا بارلىغىم ئەسىر ،

بەرگىنىڭدە سۆيۈشكە ئىمكان .

مۇھەببەتتىن ياساپ ئۇز قەسىر ،

يۈرىكىمدە تۇتتۇڭ سەن ماكان  !...


ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن  







7747 قېتىم كۆرۈلدى تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-5 3:28:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-13 7:50:34 تۇمارىس
بەكلا ياخشى شېرىكەن ھارمىغايسىز 👍
2017-3-8 15:17:22 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يېقىملىق يەڭگىل لىرىكىلار تاتلىق ھىسلىرىمنى ئويغاتتى، سالامەت بولسىلا،ئىجادلىرىغا قۇت بولسۇن ئۇستاز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ