ئ‍وخشاتما ( ناخشا تېكىستى ) - مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئ‍وتقاش

ئ‍وخشاتما ( ناخشا تېكىستى )

مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئ‍وتقاش 

 

 گۈلۈم دېمە، گۈلگە ئ‍وخشاتما،

گۈللەر ھامان تۇزۇپ كىتىدۇ.

 باھار چىللاپ كەلگەن خۇش ھىدى،

 زىمىستاندا ئ‍ېزىپ كىتىدۇ.

 ئ‍اي ئ‍ەمەسمەن،ئ‍ايغا ئ‍وخشاتما،

ئ‍اي يۈزىدە دېغى تۇرمامدۇ.

تۈندە كەل دەپ كۈندۈزى يوقاپ،

 ئ‍ايدەك كۆرسەڭ ئ‍ۇۋال بولمامدۇ.

 جېنىم دەيسەن -جېنىڭ تەندىغۇ،

دەيسەن تېخى مېنى پەرىشتە ،

شىرىن سۆزدە ئ‍الداپ ئ‍وخشاتما،

 پەرىشتىلەر تۇرار ئ‍ەرىشتە .

ئ‍وخشاتمىغىن...ئ‍وخشاتما مېنى،

 مەن ئ‍وخشايمەن ئ‍ۆزۈمگە پەقەت.

 تىلدا ئ‍ەمەس -دىلىڭدا سۆيسەڭ،

مەڭگۈ سادىق ئ‍ۆتىمەن ئ‍ەبەت .

 

ئ‍ىشلەتسىڭىز ئ‍اپتورنى ئ‍ىزدەڭ !

ئ‍اپتورنىڭ ئ‍ۈندىدارى: otkax0991

 





180 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍وتقاش ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-23 10:00:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ