ئۇنداق قىزنى ئالمايمەن
مەمەتجان سەمەت
ئەلچە قويسام بىر قىزغا دەپتۇ ئانىسى،
ئېيتىڭلارچۇ ئۇ نەلىك كىمنىڭ بالىسى.
بارمۇ بايلىق داچا ئوي ئاتا ئانىسى،
قىز مېلىغا بىرەلەمدۇ كۆپ ئاقچىنى.
قىزىم بەكمۇ ئەتىۋا ئىش قىلالمايدۇ،
ئېغىر ئەمگەك بولۇپ قالسا چىقالمايدۇ.
كىرقانلارنى كىر ئالغۇغا تىقالمايمايدۇ،
ئەمما ئويناپ سىرىتلارغا چىقالايدۇ،
كۈزەللىكە بەك ئەھمىيەت بىرەلەيدۇ،
قاشلىرىنى كۈندە ياساپ تىرەلەيدۇ.
ھەپتىدە بىر داڭلىق كىيىم كىيەلەيدۇ،
پۇلنىڭ سورسا ھىسابىنى بىرەلمەيدۇ.
بەكمۇ ئامراق ساياھەتكە چىقىشلارغا،
رىستۇرانغا كۈندە ئويناپ چېپىشلارغا.
ئوچ بولغاچقا ئوچاق بېشىغا بېرىشقا،
سەھەر تۇرۇپ ئوت ياقالماس چېيىڭلارغا.
قاراڭ ئەنە ئوخشار قىزىم مەلىكىگە،
ئىشقا سالماي ئەتىۋارلاپ بىز كەلگەچكە.
ياققان بولسا قىزىم راسلا كۆڭلۈڭلەرگە،
كەلسۇن يىگىت ئۆيىمىزگە كۆرەي ئەتە.
( دەپتۇدەك شۇڭا مەن مۇنداق دىدىم )
ئۆزۈم بولسا سەھرالىق دېھقان ئوغلىمەن،
بەكمۇ ئىشچان بىر بالا جاپادىن قوقمايمەن.
مال دۇنيارىم يوق لىكىن بارتى مۇھەببەت،
قىلماي تۇراي ئەمدى بولدى بۇ توينىمەن.
ئىتىزلاردا ئىش قىلمىسا ئويدە ياتسا،
ئىشلەپ كەلسەم تاماقمۇ ئەتمىسە ماڭا.
ئاچچىقىمغا پايلىماي قىزىڭنى يانا،
ئۇرۇپ سالماي كالتەك بىلەن مەن پاچاققا.
كىمگە بەرسەڭ بىرىۋال ئۇنداق قىزىڭنى،
چىڭ باغرىڭغا بېسىۋال ئاڭلاپ گېپىنى.
چىقىپ قالار ئۇنىڭغا باينىڭ بالىسى،
يۈرىۋەسۇن ئاشۇنداق تىرىپ قېشىنى.
ماڭا ئۇنداق ئەتىۋا قىز لازىم ئەمەس،
ئاي بولسىمۇ قىزىڭغا قىلمايمەن ھەۋەس.
شۇڭا مېنى كىم سۆيسە ھەقىقى دىلدىن،
شۇ قىزچاقنى ئالىمەن بولسىمۇ ئەلەس.
ئۇنتۇپ كىتىپ ئۇ گۈزەل لەخۋا قىزىڭنى،
تاپاي ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئىزدەپ خىلىنى.
جان ئاناممۇ ياتسۇن ئەمدى ئارام ئېلىپ،
قىلىۋەرمەي بۇ ئۆينىڭ ئېغىر ئىشىنى.
ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
179 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-6 16:25:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|