ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشنىڭ تىلىدىن
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
ئاھ ئېغىزدىن چىقسۇن نە سۆزۈم ،
پۇشايماندا ياشلاندى كۆزۈم .
پەرۋايىمسىز ئىشرەتنى سۈرۈپ ،
ئۆز جېنىمغا ئوق ئاتقان ئۆزۈم .
يار بوپتىمەن نىجىس ئەيدىزگە ،
بۇنى كىمدىن كۆرىمەن يەنە .
ھايات شېرىن سۆيسە مەڭزىمنى ،
مەن ھاياتنى خارلىغان بەندە .
مەن كېتەرمەن ئاچچىق ھەسىرەتتە ،
جان ئانامنىڭ باغرى قان لەختە .
ئىبرەت بولسۇن مېنىڭدىن دوستلار ،
ئۇرۇق تۇغقان قولۇم قوشنىلار .
ئەجەل سوراپ كەلگەندە جاننى ،
بىلىنمەكتە يورۇق بىر دۇنيا .
| 106 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-9 23:42:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|