ئاتا - ئانامغا

ئاتا - ئانامغا

 

مۆتىۋەر ئەخمەت

 

ھاياتىمنىڭ باھارىسەن جان ئانا ،

 باھارىمنىڭ قاناتىسەن جان ئاتا.

 ئەسلەپ دائىم كۈيلەرگە قېتىپ ،

 سېغىنىمەن ھەركۈن ھەر تاڭدا.

 

ھايات يوللىرى ئەگرى توقايكەن ،

 يۆلەك بولدۇڭ ماڭا جان ئاتا .

 يىقىلغاندا يۆلەپ تۇرغۇزۇپ،

 مەدەت بەردىڭ ماڭا جان ئانا .

 

 گەر ئۇچرىسام ھەر مۈشكۈلاتقا ،

تىلەيمەن سىلەردىن ئۆزۈمگە مەدەت .

 پەقەتلا سىلەرنى رازى قىلساملا،

قىلچىلىك بىلىنمەس تاغ كەبى مىڭ دەرت.

 

 قۇچسام گەر ناۋادا نۇرغۇن شان - شەرەپ ،

 ئالىمەن سىلەرنى شۇئان ئېسىمگە .

 ئاقلايمەن ئەزىزلەر ئۈمۈدىڭلارنى ،

قىلمايمەن خىيانەت ھالال سۈتلەرگە.





617 قېتىم كۆرۈلدى مۆتىۋەر ئەخمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 20:41:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-8 2:07:05 ئايدىيار
ياخشى يىزىپتۇ ، ئاپىرىن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ