چىدا
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
قاقشاپ يۈرىمە بىلمەيدۇ كىشى ،
قەيسەر بولۇپ ھەممىگە چىدا.
يەتكىنىدە ساراينىڭ قەدىرى ،
قىيسىپ كەتكەن كەپىگە چىدا.
كۈنلەر مەڭگۈ ئۈتمەس باياشات ،
يوقلۇقنىڭمۇ تەمىگە چىدا.
سۆيۈشكەندە بىر تاتلىق ھايات ،
كۆيۈكنىڭمۇ دەردىگە چىدا.
يۇرىگىنىدە بىرى خۇش بولۇپ ،
ھەسەت قىلماي بەختىگە چىدا.
سىلىپ بولماس كۈڭۈلگە قولۇپ ،
يارنىڭ ئىغىر شەرتىگە چىدا.
بۆگۈن ئۇتۇپ كىتىدۇ ھامان ،
ۋاز كەچمىگىن ئەتىگە چىدا.
گەر ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ئاسمان ،
ئەركىڭ ئۈچۈن مەڭگۈگە چىدا.
| 159 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-27 12:45:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|