ھايات ھەققىدە - سەۋدا

ھايات ھەققىدە
سەۋدا

مەۋجۇدلۇق تەشنالىقى ئىچرە چۈشەندىم بىر ھەقىقەتنى،
كۈلەر ئۈلپىتىڭ تولا يالغۇز كۆتۈرەر ئىكەنسەن كۈلپەتنى.
ئىلكىڭدە گاھى شاھلىق كېيەرسەن بەزىدە جەندىنى ،
تىپىرلاپ باقىسەن ھەر يولدا ساقلىماق بوپ ھاياتلىقنى،
ۋەلېكىن بۇ يول ئۇزۇن مۈكچەيتىپ توختايدۇ قەددىڭنى .

دوست تولا بىراق يۈدۈپ ياشايسەن تالاي دەردىڭنى ،
سۆيگۈڭنى بېرىپ بىراۋلارغا زېدە قىلسەن يۈرەگىڭنى.
قاينايسەن يەتمىش قازاندا تېتىپ تۇرمۇشنىڭ تەمىنى،
مىسالى تاۋلىماق ئالتۇن رىيازەت ئەشلەيدۇ سېنى،
پىشىپ چىققاندا ئاخىر قۇچاقلايسەن نەچچە نەۋرىنى

دانا دەرۋىشلەر ھەتتا بىلمەك بولدى دۇنيا رەپتارىنى،
ئوتى بارنىڭ سۈيى يوق تەڭشەلمەي ئۆتتى ھەق تارىنى.
بىرنى تاپسا بىرى كەم شۈكرى قىپ يەپ ئۆتتۇق بارىنى،
ئۇتتادى دۇنيائىزلىگەنلەرقويۇپ كەتتىپۇل-مال ئايۋانىنى،
ھەق يولدىن بەخت ئىزلە ھاسىل ئەتكەي ئۇ ئارمانىنى.
     





80 قېتىم كۆرۈلدى sawda0903 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-5 14:24:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ