ئوقۇغىن بالام (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ئوقۇغىن بالام
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

بالا باقتىمغۇ،ئۈمۈد،ئارزۇ ئىستەكتە،
چاقنىسۇن دەيمەن،شىجائەتتە،غەيرەتتە،
ئىلىم بەردىم،چىن دىلىمدىن مېھىرلەرمۇ،
نادانلاردىن بولۇپ قالماس دەپ،ئەندىشتە.

ئايغا چىقىپ ئۇچماقتا تېخى  باشقىلار،
ئەپسۇس بالام،يازالمايدۇ خەتلەر تېخى،
بولۇپ قالسا ساۋاتسىز قانداق بولۇركىن،
قىلغانلىرىم بىكار كىتەرمۇ بىلمىدىم.

ئۆيلەر تۈگۈل،مەكتەپتىمۇ نۇرلۇق چىراغ،
مۇئەللىم پەرۋىشلىپ،مېھىر بەرسە تېخى،
ۋەتىنىم ئىللىق نۇرى چۈشتى دائىما،
پارتىيەگە يۈز كىلەلەمدۇق بىلمىدىم.

ئاتىلار ئويلار  پەقەت بالىلار بەختىنى،
پارتىيەمۇ يەتكۈزۈپ ئىىلىق نۇرىنى،
ئويغانمىسا  قانداق بولۇر بالىمىز،
ئوقۇغىن ئاقلاپ ھەممە كۈتكەن ئۈمۈدنى.
     





64 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 7:36:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ