ھىجران ئالدىدا
ئاپتۇرى: ئىمران ئابدۇسىلىم
تەقدىرنىڭ پەنجەسى سالغاندا چاڭگال،
يەنە چوڭ ئۆتكەلگە كەلگىنىڭدە دۇچ.
ئىزلەيسەن گاڭگىراپ مەۋھۇم سىىمانى،
نىجاتلىق لەۋزگە بېرىپ روھى كۇچ.
تىرىشىپ باقىسەن ئىزلەيسەن سەۋەپ ،
ئايرىلغۇڭ يوق پەقەت ئىللىق ماكاندىن .
بەزلەيسەن ئۈزۈڭنى بىر ئامال بىلەن،
ھەتتاكىي كەچمەكچى بولىسەن جاندىن .
ئۈمۈتسىز قالدۇرار بارچە ئىشلىرىڭ،
بەختنىڭ قولىنى تۇتقۇزماس پەقەت.
شىكەستە دىللىرىڭ چىكىدۇ پەرياد،
ھەسرەتتە تولغىنۇنۇپ ئەبەدىي ئەبەد.
تۇرمۇشتىن بەك يىراق قالار كۈمۈلۈپ ،
ياشلىقتا ئىستەكلىك يانغان ئوتلىرىڭ،
تەقدىرىڭ ئىلكىدە بولۇر كۇمپەيكۇم
كەلگۈسى ھاياتقا سوققان چوتلىرىڭ.
سۈكۈتنىڭ ئىچىدە كۈتۈرۈپ ئىسيان،
ئەلەمدىن زارلىنىپ يىغلايدۇ يۈرەك.
بىرئۈمۈر ياشايسەن كۈنۈپ ھەممىگە،
ئەمما ئۇ بەخىتتىن بەرمەيدۇ دېرەك.
كۈڭۈلنىڭ خاھىشى يۇقاتماس ئەقىل ،
دەڭسەيدۇ خۇشاللىق قايغۇ ئازاپنى.
ھەممىنىڭ ئۈمۈدى مۇمكىن بولسا گەر،
شاتلىققا كۈمىۋەتسە سۇلغۇن ھاياتنى.
ئامالسىز ئۇزىتىپ قۇيىمەن سىنى،
تۈمەنمىڭ پۇشايمان دىلىم زارە-زار.
يۈرىكىم يىغلايدۇ جىسمىمدا يالقۇن،
تىرىكلا مۇردىمەن يوقتۇر كۈچ- مادار.
يۈرەكنىڭ قېتىغا كەتمەكتە تاراپ،
ئۇمۇتلۈك سۈزۈڭنىڭ ياڭراق ھىسلىرى.
يىگانە قالدۇردۇم كەچۈرگىن دىلدار،
ئەمما ساڭا زارىمەن كۈندۈز كەچلىرى.
مانا بۈگۈن ئۇزۇتۇپ قۇيىمەن سىنى،
قالىغاچقا ئامالسىز چىشىمنى چىشلەپ.
چىھرىڭنى كۈرىدۇ كۆزلىرىم بىر كۈنى،
بەلكى شۇ چاغ يۈرىكىم قالىدۇ شۈكلەپ.
149 قېتىم كۆرۈلدى | taxtug | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-20 23:14:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|