قۇل بولمىغان ئاياللار
**
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر
**
ئايالنى قۇل دەپ ئويلامدۇ بەزىلەر ،
بولىنىپتۇ شۇنداق پىكىر پاراڭلار .
چىلىنمىسۇن بۇ تۇيغۇغا پەدىلەر ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
ئايال دىگەن ئەر زاتىنىڭ زىننىتى ،
شۇڭا تەڭدۇر ئالتۇن بىلەن قىممىتى .
ئايال دىگەن ئەر غورۇرى ئىززىتى ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
ئايال ئۆزى ئايالغۇچى ئەلۋەتتە ،
شۇڭا ئەرلەر ھامىي بولۇپ كەلمەكتە .
بىر نىيەتتە مەقسەتلەرگە يەتمەكتە ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
ئايال ئۈچۈن ئەر خىزمىتى ئىبادەت ،
شۇ سەۋەپلىك تاپار ئەجىر ھالاۋەت .
ئايال پەقەت ئەرلەر ئۈچۈن ئامانەت ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
ئائىلىنى باغۋەن كەبى پەرۋىشلەپ ،
خىزمىتىنى ئۆزى ئۈچۈن بۇرچ دەپ .
كەلگەن شۇنداق ئۆز ئۆزىنى ئەزىزلەپ ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
ئەر خىزمىتى قۇللۇق ئەمەس خوشاللىق ،
تەر ئاقسىمۇ تاپار لىكىن ئىللىقلىق .
ئىرى بىلەن ئالار ھەتتا بىر تىنىق ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
خىزمىتىنى قۇللۇق دىگەن ئازغۇچى ،
شۇ خىزمەتتە ئايال ئەجىر ئالغۇچى .
ئەر ئايالغا جەننىتىنىڭ ئاچقۇچى ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
ئايال كىشى ئائىلىنىڭ خانىشى ،
تۆۋەن ئەمەس مەردانىدۇر ھەم بىشى .
ئايال دىگەن ئەر زاتىنىڭ سىردىشى ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
ئايال كىشى قىممەتلىك بىر بىباھا ،
شۇڭا ئۇلۇغ دەيدۇ پۈتۈن بىر دۇنيا .
ئەر ئاياللار بىر بىرىگە تۇتىيا ،
ئەزەلدىنلا قۇل بولمىغان ئاياللار .
**
2016.9.4.كۈنى . يەكشەنبە .
غولجا .
| 161 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان كىچىك نەزەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-19 21:19:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|