دۇستلارغا
(مەۋلىدە ئىسرائىل )
دۇستلار، قىسمەت بىشڭلاردا ياڭاق چاققاننى مەن كۆرمەي،
سىلەر چۆللەرگە ئەسرا بوپ پادا باققاننى مەن كۆرمەي .
كۈلۈپ قەھ-قەھ، ئۇرۇپ خەندە، ئۆتۈڭلار مەڭگۈ ھۆرمەتتە ،
كۆزۈڭلاردا ھەسرەت دەريا كەبى ئاققاننى مەن كۆرمەي.
ئىرادەڭلار تۇرۇپ غالىب ،يېڭىڭلار كەلسىمۇ مۈشكۈل ،
نادامەتتە ئاھۇ-پىغان چىكىپ ياتقاننى مەن كۆرمەي .
سىلەر شاد، مەنمۇ شاد ھەردەم،سىلەرگە بولمىغاي ماتەم ،
باغرىڭلارنى قىلىپ قان-قان، ھازا ئاچقاننى مەن كۆرمەي .
رەقىپلەر خارۇزار بولسۇن، مىڭىشقا يولى تار بولسۇن ،
يولۇڭلارغا رەقىپ ئورا قېزىپ قاچقاننى مەن كۆرمەي.
سائادەتيۇ مۇشەققەتتە ساداقەت كاتتا ، مول بولسۇن ،
ئاراڭلاردا ساداقەتسىز غېرىب چاشقاننى مەن كۆرمەي !
| 100 قېتىم كۆرۈلدى | مەۋلىدە ئىسرائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-31 23:03:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|