نۇرمۇھەممەت ئازغۇن
قىيناپ كەتتى بۇ يالغۇزلۇق ئادەمنى ئەجەپ،
ئۆتمەكتە ھەر كۈن- تۈنلىرىم يۇرتۇمنى ئەسلەپ.
گاھ تەسەللى بىرىمەن ئۆز - ئۆزۈمنى بەزلەپ،
يىغلىما بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ.
نۇرمەمەتجان، خوتۇن ئالماي بولمىدى ئەمدى.
چۈش بولماي يا خوش ياقمايدۇ ئورۇندىن تۇرۇش،
چۈنكى ئادەت ھەركىچە، تاڭغىچە ئولتۇرۇش.
ئەخلەتلەرمۇ ئۆي ئىچىدە قىلماقتا ئۇرۇش،
خىياللارغا كىرىپ چىقماس بىر تازلاپ قويۇش.
نۇرمەمەتجان، خوتۇن ئالماي بولمىدى ئەمدى.
ID: yazghuqilar
يالغۇزلۇقتا خوش ياقمايدۇ، يا يىيىش تاماق،
بىر ۋاق يىسەم بىر كۈنگىچە يۈرۈپ ئاچ قوساق.
ئويلىسام بۇنداق كۈنلەرگە بوپتۇ بەك ئۇزاق،
ئۆزۈم كۆندۈم، مىسكىن يۈرەك كۆنمىدى بىراق.
نۇرمەمەتجان، خوتۇن ئالماي بولمىدى ئەمدى.
ID: yazghuqilar
ئەتىگەندىن كەچكىچە ھەمرايىم شۇ تۆت تام،
ئۇخلىسام خوش دەيمەن تامغا، تۇرسام ئەسسالام.
ئۇرۇشمايمىز، تىللاشمايمىز، بىز بەك ئىناقلام،
بۇ ھەققىدە سۆزلەشكە تىلىممۇ قىلار كام.
نۇرمەمەتجان، خوتۇن ئالماي بولمىدى ئەمدى.
ID: yazghuqilar
بۇ كۈن ئۆتمەكتە ئاشۇنداق،بەكمۇ مەنىسىز،
يىگەن تاماقمۇ تىتىماس، شۇنچىلىك تەمسىز.
يۈرەكلەر مۇزدىن سوغۇق، چىرايلار كۈلكىسىز،
كۈتمەكتىمەن باھار قۇياشىنى ئۈن – تۈنسىز.
نۇرمەمەتجان، خوتۇن ئالماي بولمىدى ئەمدى.
نۇرمۇھەممەت ئازغۇن يازمىسى
ئاپتور ئۈندىدار: 787204543
2015-6-10
592 قېتىم كۆرۈلدى | azghun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-19 16:58:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-7 14:45:11 | يامغۇر |
مەنمۇيىزىقچىلىققا قىزىقىمەن.شۇسەۋەب ئانچە-مۇنچە بىرنىمىلەرنى يېزىپ قويىمەن.بۇ تېمىدىكى بىرقانچە شېئىرلارنى ئوقۇپ چىقتىم،بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!(ماختىماي ئۆتۈپ كىتىشنى خالىمىدىم).بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى چىقىرىپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.رەخمەت. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|