ئامالسىز قالدىم
ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
كۈلپەتلەر ئىچىدە قالدىمغۇ بۈگۈن ،
ئىچىمنى تاتىلايدۇ يېشىلمەس تۈگۈن .
گۇناھىم يوق ئىدى بولدۇمغۇ سۈرگۈن،
چارەم يوق ھەممىگە ئامالسىز قالدىم.
ئارزۇيۇم كۆپ ئىدى توزۇپ كېتەرمۇ،
جان ئانام كۆزلىرى ياشقا تولارمۇ .
كىبىرلىك ئىنسانلار ۋەيران بولارمۇ،
چارەم يوق ھەممىگە ئامالسىز قالدىم.
بېشىمغا دەرىت كەلدى دوسلار ئازايدى،
ئەسلىدىن كەڭ يوللار ئەمدى تارايدى .
كۈن چۈشكەن ھويلىلار ئەمدى قارايدى،
چارەم يوق ھەممىگە ئامالسىز قالدىم .
ئاقكۆڭۈل دوسلۇرۇم يېنىمغا كەلگىن ،
ھەقىقەت يولىدىن ئاماللار تەرگىن .
قېرىنداش سۈپىتىدە مەسلىھەت بەرگىن،
چارەم يوق ھەممىگە ئامالسىز قالدىم.
ئىزدىنەي ياخشىلار چىقىپمۇ قالار ،
بىر كۈنى قەلىبلەر مېھىرگە تولار.
«ئۇچقۇن»مۇ لاۋۇلداپ يانارتاغ بولار ،
ھازىرچە چارەم يوق ئامالسىز قالدىم.
زارلانمايمەن تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ،
ماڭا ئازار بەرگەنلەر ھامان قاخشايدۇ .
ئۇلارمۇ بىر كۈنى زار زار يىغلايدۇ ،
ھازىرچە چارەم يوق ئامالسىز قالدىم .
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى
پىكىر تەكلىپ بولسا : QQ:2816722994
ئۈندىدار :sabir098
ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ
| 76 قېتىم كۆرۈلدى | uqkun013 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-1 16:12:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|