ئارلاشمىغىن شاشلارغا
ئابلىمىتجان ۋاھاپ
(تەنھا تۇرنا)
ئارلاشمىغىن باشقىلارغا شاشلارغا،
كۆزتىكمىگن ئوقيا كىرپىك قاشلارغا،
ئۇلار سۆيەر ياشلىقىنى شاشلقنى ،
ئارلاشمىغىن شاش باللارغا ياشلارغا،
سەنمۇ ئۆتكەن ياشلىقىڭدا شاش بولۇپ ،
قومغا كۆملۈپ ئۆستەڭلەرگە قاش بولۇپ
بوپتۇرىدۇ سەۋەنلىكلەر پاش بولۇپ ،
ئارلاشمىغىن باشقىلارغا شاشلارغا ،
ئۇ چالماقتا ياشلىقىنىڭ سازىنى ،
ئۆتكەزمەكتە باھارىنى يازىنى ،
ئاچچق يۈتمە يەپسالغاندەك لازىنى ،
ئارلاشمىغىن باشقىلارغا شاشلارغا ،
شاشلىق قىلىپ ئۇ ئۆتمەيدۇ داۋاملىق ،
ئۇمۇ بىركۈن ئادەم بولار ياراملىق ،
ياشلىقىدا قىپ قالسىمۇ قارملىق ،
ئارلاشمىغىن باشقىلارغا شاشلارغا ،
| 136 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-5 0:16:04 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|