ئېشىۋالماڭ ۋاي دىسەك
❤ كەتمەنباي ❤
سەنئەتچىمۇ ئۆزىڭىز داپنى بەكمۇ چالسز،
مۇڭ كۈيلەرگە چېلنماس دۇتتاركەنسز تارىسز.
خاتالقنى كۆرسەتسە سىزنى بىراۋ دوس كۆرۈپ
ئىتترىگەندەك ھاڭلارغا خاتالىقتىن تانىسز
ئۆزىڭىزچە دانا سز ئەمەلىيەتتە نادانسز،
چېقپ كۆرسەك قىياسەن مىغزى يوق بادامسز
كىبرلكى قالغانمۇ سزگە مىراس شەيتاندىن،
ئۆزىڭزنى جاھاندا پەقەت بىر دەپ سانامسز.
ئەجەپمۇ بىر جاھىلسز (خىت)جانۋاردىن يۇققانمۇ
ھيلىگەرلكتە پىشۋاسىز تۈلكە بىلەن تۇققانمۇ.
ياراشماس بۇ ئىللەتلەر ئادەملەرگە ياراشماس،
ھەقنى كۆرمەس كۆزىڭىز،يا قارچۇغا چوقغانمۇ.
بىلم بولسا قوغۇنلۇق،سز قوغۇنسىز پىلەكسىز
ھەر قەدەمدە شولدۇقشيسز چوقۇم يىرىم چىلەكسىز
خاتالقنى تۇنۇشقا ياكى سىزدە جۈرئەت يوق،
قاراپ باقسام سز ئەسلى تېخى تۇخۇ يۈرەكسىز .
قاراپ باقسام چەللىگە كاۋا ئەمەس باراڭسز،
چەت ئەلدىمۇ ساقايماس تېخى تەتۈر ساراڭسىز.
پايدىڭىز ھىچ تەگمەيدۇ سايسىز بىر دەرەختەك،
باش باھاردا سارغايغان قۇرۇق-قاخشال غازاڭسىز.
قارىمايسىز ئەتراپقا،قۇدۇقتىكى پاقىدەك،
گەپ سۆزلرىڭىز بەئەينى كىر بوپكەتكەن ياقىدەك.
داپ چالىسىز ئۆزگىدىن تېپۋىلپ سەۋەننى ،
بۇ دۇنيادا ئىۋەنسز سىز پەقەتلا ياخشىدەك .
نىېنى كىچك ناۋايمۇ توۋلايدىكەن كاكىراپ،
ئات چاپتۇرماڭ سامادا،نام ئاتاققا ئالدىراپ.
ئوزۇق- تۈلۈك كىرەكتۇر ئاشۇ تۇلپار ئاتلارغا،
يىرىم يولدا توختايسز ماجال يەتمەي ھالسراپ
ئېشۋالماڭ ۋاي دىسەك سىزمۇ ئېشپ قالسز،
قىلقلىرىڭز بەئەينى تىخى كىچك بالىسز.
بۇ دۇنيا ھىچ ئىنسانغا باقى ئەمەس ئەزەلدىن،
ئۇشبۇ سۆزلەر تەكتىنى بىر كۇنى ئەسكە ئالسىز.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى (خوتەن )
91 قېتىم كۆرۈلدى | katmanbay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-16 22:51:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|