يوقتۇر
غەزەل
ئېلىجان ئابدۇكېرەم (بارچۇق ئوغلى )
يار مېنى يامان دەيدۇ يامانلىق قىلغانلىغىم يوقتۇر،
يار مېنى نادان دەيدۇ نادانلىق، نوخسانلىرىم يوقتۇر.
بىۋاپالىق قىلسىمۇ سۆيگەن گۈلۈم دەپ ئاسرىدىم ،
سۆيۈشتىن كەچتى ئۆزى مېنىڭ تانغانلىقىم يوقتۇر .
چىن مۇھەببەت -سۆيگۈنى يۈرەكتە ھەردەم ساقلىدىم،
ئازسىمۇ ئۇ ئۆزگىگە مېنىڭ ئازغانلىقىم يوقتۇر .
"گەز كەلسە جانان ساڭا جانلار تەسەددۇقتۇر " دېدىم ،
ھېچقاچان بۇ لەۋزىدىن تېنىپ - يانغانلىقىم يوقتۇر .
ئىشقىدا كۆيۈپ يۈرۈپ يامان بولغانغا مەن ھەيران ،
بارلىغىم ئاتا قىلدىم ئەسلا چانغانلىقىم يوقتۇر.
پەرۋاسىز يۈرىۋەردى ئەيىپ ئىزلەپ مېنىڭدىن يار،
بۇ يۈرەك تەشناسىغا زەررە قانغانلىقىم يوقتۇر.
"يار سېنى سۆيدۈم "دېدىم ، ئەقلى ھوشۇمنى بىلمىدىم،
يەتكىلى يار ۋەسلىدىن بۆلەك ئارمانلىرىم يوقتۇر .
2017.3.15
| 43 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-28 16:03:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|