سېغىنىمەن سېنى ھەركۈنى

سېغىنىمەن سېنى ھەركۈنى

 

ئ‍ەسقەر قۇربان

 

سېغىنىمەن سېنى ھەر كۈنى ،

بولساڭمۇ گەر مەندىن يىراقتا.

يۈرۈكىمنى ئ‍وغۇرلاپ كەتتىڭ ،

 قىيناپ مېنى ئ‍ىشقى پىراقتا.

 

سېغىنىمەن ھەركۈنى سېنى ،

 گۇمانلانما سۆيگۈمدىن زىنھار.

 بىر سېنىلا مەڭگۈ سۆيىمەن،

 يوق مېنىڭدە باشقا بىر دىلدار.

 

 سېغىنىمەن سېنى ھەر كۈنى،

 تەلمۈرىمەن يولۇڭغا بېقىپ.

 ھەم ئ‍ەسلەيمەن شىرىن كۈنلەرنى،

 تەنھالىقنى قوچاقلاپ يېتىپ.

 

سېغىنىمەن سېنى ھەركۈنى،

كۈتۈشلەرنى ھەمراھ قىلىپ ھەم.

 سەنمۇ بەلكىم سېغىندىڭ مەندەك،

 بۇ ئ‍ازاپقا بولساڭچۇ مەلھەم .

 

 ( كۈندىلىك خاتىرەمىدىن ئ‍ېلىندى) . 2016. 1.8 ئاقسۇدا يېزىلدى.





218 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-25 18:36:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ