سۆيگۈ
ئاپتۇرى: مەخسۇم ھىپىز ( ئاققاش)
مەن ئاشىق ساڭا بۇنى بىلەمسەن ،
ئەي گۈزەل جانان ماڭا كۆيەمسەن .
رەيھان پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ ،
ياندۇرغىن جاۋاپ مېنى سۆيەمسەن .
ئەڭ گۈزەل جانان، خىيالىمدا سەن ،
مەن ئۈچۈن تاتلىق، ناۋات ياكى قەن .
گىلىمدىن ئۆتمەس، سەنسىز ھەسەلمۇ ،
ئۈمىد بەرمىسەڭ، قىينالمامدۇ تەن .
لەۋلىرىڭ گۈلخان يىنىپ تۇرغان ئوت ،
سېنى بەرسىكەن ماڭا تەڭرى-قۇت .
ئېلىپ بەر دېگەن ئەزەلدىن بار گەپ ،
زىھنىمنى ئالدىڭ، ئەمدى ماڭا تۇت .
نىسب بولسا يار غۇنچە بويلۇرۇڭ ،
ئېچىلار قوشلاپ ماڭا قوللۇرۇڭ .
سەنمۇ كېچەلمەي ئۆتسەڭ مېنىڭدىن ،
ئۈزۈلمىسە يار، مەندىن ئويلىدۇرۇڭ .
يېرىلدى لىۋىم سەنسىز قاغجىراپ ،
ماڭا سۇ بولۇپ كەلگىن ئالدىراپ .
ئەگەر بۇ ئۆمۈر ئۆتسە سەن بىلەن ،
نىگار ھاياتىم كىتەر يالتىراپ .
| 68 قېتىم كۆرۈلدى | AKKAX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-17 21:31:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|