مەن يەنە يىغلىدىم
مەريەمگۇل تاشمەمەت(ئارالتۇپە)
مەن يامغۇرنى ياخشى كۇرمەن،يامغۇردا بىرەر گۇزەل ئەسلىملىرمۇ قالغان ئەمەس بۇلمسا،يامغۇرنى شۇنداق ياخشى كۇرمەن ئۇ ماڭا نۇرغۇن دەرتمەنلەرنى،ئۇكسۇپ ئۇكسۇپ يىغلاۋاتقانلارنى،ئەسلىتىدۇ.
كىچىك چاغلىرىمدا يامغۇر سۇيىگە كىچىپ ئۇيناشنى ياخشى كۇرەتتىم ئەمما چۇڭ بۇلغانسىرى نۇرغۇن ياشلىرىم شۇ يامغۇر تامچىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى.
يامغۇرنى ياخشى كۇرمەن.ئۇ خۇددى ئۇزۇن يىللىق سىردىشمدەكلا،يامغۇر ياغسىلا يىغلغۇم كىلىدۇ،ئۇنىڭغا نىملەرنىدۇر پىچىرلاپ دەپ بەرگۇم كىلىدۇ،بىشىمغا كەلگەن يامغۇردەك كۇلپەتلەرگە يامغۇر غا چىلىنىپ تۇرۇپ چىداۋاتىمەن،،،،،،
تۇرمۇش شۇنچىلىك رەھىمسىزكى كۆز چاناقلىرىڭغا تۇلغان ياشنى يۇشۇرۇپ كۇلۇمسىرەشكە مەجبۇر قىلىدۇ سىنى ئەمما دەل شۇ چاغدا خالىغىنىڭچە يىغلۋال دەۋاتقاندەك ئاستا ئاستا يامغۇر تامچىلايدۇ،،،،،
مەن يامغۇرنى ياخشى كۇرمەن، ئەمما قانچىلىك ياخشى كۇردىغىنىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن،ئازاپنى ياخشى كۇرۇشكە كۇندۇرگەن تۇرمۇش يامغۇرنى ياخشى كۇرشۇمگە سەۋەپچى بۇلدمىكىن دەپمۇ ئۇيلاپ قالىمەن،،،،مەيلى قانداقلا بۇلمسۇن يامغۇرنى ياخشى كۇرمەن،قەلبىمدىن فۇنتاندەك ئىتىلىپ ئىتىلىپ چىقىپ كۇز چاناقلىرىمدىن ئاستا تۇكۇلگەن ياشلىرىمنى يامغۇرغا ئۇخشىتمەن،تۇختماي نەچچە كۇنلەپ يىغىپ كەتكەن يامغۇرنى تۇرمۇشۇمدىكى بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلۇشۇپ كىلدىغان ئۇڭۇشسىزلىقلارغا قىياس قىلمەن،،،،
قاچاندىن باشلاپ يامغۇرنى ياخشى كۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،لىكىن شۇگۇزەل بالىلىقىم بىلەن خۇشلاشقاندىن باشلاپ نۇرغۇن دەرت ئەلەملەرنىڭ يامغۇردەك يۇپۇرلۇپ كىلۋاتقىنىنى بىلمەن،،،،يامغۇردەك تۇكۇلگەن ئاھانەت ،يامغۇردەك تۇكۇلگەن مىھىرسىز سۇيگۇلەر خۇددى تۇرمۇشۇمدا شۇ يامغۇربىلەن يامغۇردەك،،،،،،،،،،،لەر جىپسىلىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك.
بۇگۇن قەھىرتان قىش،ئاپپاق كۇڭۇللەرگە سىمۇۋۇل ئاپپاق قارلار لەپىلدەپ چۇشمەكتە،مەن دىرىزە تەكچىسىدە ئۇلتۇرۇپ يامغۇرنى شۇنچىلىك سىغىندىم،چۈنكى بۇگۇن مەن،يەنە يىغلىدىم،،،،،،،،،،،،،،،،،،
2016-يىلى11ئاينىڭ16-كۇنى كىچە
231 قېتىم كۆرۈلدى | maryamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-16 23:03:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|