ئائىلە
ئائىلەم سەن مىنىڭ ئىللىق ماكانىم ،
قەلبىمنى يورۇتقان نۇرلۇق قۇياشىم.
سىنىڭدىن تارقىغان مىسلىسىز ئاپتاپ ،
باشلايدۇ بەخىتكە گۈللەپ ھاياتىم.
بۇدۇنيا سەن بىلەن گوياكى جەننەت ،
خوشاللىق سېنىڭدىن تېپىلار پەقەت .
جەننەت ھەم دوزاخنىڭ مىسالى ئۆزۈڭ ،
سېنىڭسىز دوزاخكەن دۇنيا ئاقىۋەت .
ئۆتىدۇ ئىنساننىڭ ئۆمرى سىنىڭدە،
ھاياتنىڭ گۈللىرى سەندە ئېچىلىپ .
قىيمايدۇ ھىچ كىشى تارتىشىپ ساڭا ،
ئەزرائىل كەلگەندە ئىشىكنى چېكىپ.
ئەي ئىللىق ئائىلەم بولغىن سەن ئامان،
سىنىڭسىز مۇمكىنمۇ بەخىتلىك ياشاش .
ئىللىغاي ھەر ئىنسان كۆڭلى سىنىڭدىن ،
سەن ئىنسان قەلبىدە ئەڭ ئىللىق قۇياش!
مەخمۇتجان يۇنۇس
| 91 قېتىم كۆرۈلدى | otyrek | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-8 23:35:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |