بىز تونۇشقان دەسلەپكى چاغلار (شېئىر) - ئابدۇراخمان ئىبىراھىم

بىز تونۇشقان دەسلەپكى چاغلار

ئابدۇراخمان ئىبىراھىم

بىز تونۇشقان دەسلەپكى چاغلار،
نېمە دېگەن، گۈزەل ئىدى ھە!.
ۋەدىلەشكەن باغچىلار، باغلار.
ھەربىرلىرى، شېرىن ئەسلىمە.

تۈگىمەيتتى پاراڭلىرىمىز،
ئۇنتۇلاتتى ۋاقىتمۇ گويا.
تەلمۈرەتتى، ئاھ! لەۋرىمىز،
چىن سۆيگۈگە، بولۇپ مەھلىيا.

قورساقنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتۇق،
خۇددى سۆيگۈ ئوزۇق بولغاندەك.
ئوماق ئىدى، قىلىقلىرىمىز،
شۇنچەتاتلىق،شۇنچىلىك گۆدەك.

سېنى بەزەن سۆيۈپ قاچاتتىم،
ئېدىڭ سۆيگۈم، ئالدىدا بوزەك،
قوغلار ئىدىڭ، سەنمۇ بوش كەلمەي،
شوخلۇق ئىچىرە،ئۇماق كىيىكتەك.

قوشاق قاتارئىدى قۇشلارمۇ،
بىر-بىرىگە بولغاچ مىھىرلىك.
باغلاپتىكەن، ئەمدى ئويلىسام،
شۇ چاغ بىزنى،سۆيگۈ سېھىرلىك.
     





119 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئىبراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 23:27:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ