ئەسەر ئوغۇرلىرىغا .....
يازغۇچىلار تورىدىن نۇرمۇھەممەت ئازغۇن ئۆز قەلىمى
ھەيران قالدىم سېنىڭ قىلقىڭغا،
تۇرسا خالايىق يۈزۈڭگە تۈكۈرۈپ.
نۇمۇس قىلمامسەن، خىجىل بولمامسەن،
خەقنىڭ ئەسىرىنى ئوغۇرلاپ يۈرۈپ.
ياكى ئادەت بولغانمۇ ساڭا،
ئەجدادىڭدىن قالغانمۇ ئۇدۇم.
ئاناڭ ساڭا شۇنداق ئۈگىتىپ،
داداڭ دىگەنمۇ جىق كۆچۈر ئوغلۇم.
خەق يازسا جاپادا مىسرالار ئۇلاپ،
ئىسمىنى ئۆچۈرۈپلا ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ.
ئەل ئالدىدا نام چىقارماق ئۈچۈن،
قىلدىڭمۇ بۇنى شان شەرەپ بىلىپ.
بىلىپ قويغىن يازماق شەرەپتۇر،
يازغىنىڭ بولسا ئەل ئۈچۈن ئوزۇق.
كۆچۈرگىنىڭ بەكمۇ نۇمۇس ئىش،
خەلىق كۆزۈڭگە تىقىدۇ قوزۇق.
مەندىن ساڭا بولسۇن نەسىھەت،
ئۆزۈڭ يازغىن، ئوغۇرلاپ يۈرمە.
خەقنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ،
پەخىرلىنىپ، ماختىنىپ كۈلمە!
ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار 18999843588
274 قېتىم كۆرۈلدى | ئازغۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-19 23:10:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-24 22:25:25 | amina |
bak yahxe yizeleptu |
2016-11-22 18:40:58 | ساۋۇت |
ياخشى مەزمۇنى پەيزى چىقىپتۇ 👍👍👍👍🌹🌹🌹🌹 |
2016-11-20 0:03:24 | نۇرمۇھەممەت «ۋەلىت» |
شىئىرنىڭ مەزمۇنى ياخشى بىراق قاپىيا ياخشى ماسلاشماپتۇ تۈزەتدىڭىز بولغىدەك |
2016-11-19 23:24:04 | kalbinur |
akam asli xayirkan amasmu he he |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|