مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار

         مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار

مۇھەممەتنىياز(چارەك)

غەيرى ئويدا سۆيگۇ سوراپ كولدۇرمىنى چالماڭلار،
پۇرسەت ساقلاپ مېنى كۈتۈپ نا ئۈمىدتە قالماڭلار،
كېتىپ قالسام ئالدىراشمەن كۆڭلۇڭلارغا ئالماڭلار،
چالا كۆيۈپ مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.

باللىرىم بار كىشىمەن مەن ئەمەسمەن ئەسلى تۇل،
ئۇپا ئەڭلىك لەۋ سۇرۇققا بولغىنىم يوق تېخى گول،
مۇخالىپتۇر مەن ئۈچۈن پىنھان ھوجرا ئەگرى يول،
خاتا ئويدا مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.

ئىشخانىدا مەن ئالدىراش يەنە كېلىپ ئادەم كۆپ،
كېلىۋىرىپ رەھبەردىن يەپ كەتمەڭلار قۇلاق چۆپ،
ئۈمىد باغلاپ داخانلارغا يۈرمەڭلار تۇمار پۈتۈپ،
ساختا ئوتتا مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.

ئىش ئورنۇمدا بەكمۇ چىڭ تۈزۈم بىلەن سىياسەت،
كۈندە ئىزدەپ كېلىۋىلىپ بولدۇم بەكمۇ خىجالەت،
ھالال جۈپتۈم ئايالىم بار ياردەم  خوتۇن بىھاجەت،
جىلى قىلىپ مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.

ئەتىگەندە پۇلنى قويۇپ چۈشتىن كىيىن ئالدىڭلار،
ئىشتىن چۈشۈپ چىقساملا پۇل سالغۇغا سالدىڭلار،
شۇ ئىشلارنى بىلمەيدىغان قاپاقباش دەپ قالدىڭلار،
بانا بىلەن  مىنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.

ئاچ كۆز غەرەزدە ئويلىماڭلار بانكىرلارنىڭ پۇلى بار،
بارلىق ئىشلار ئاسان بولۇر تەرەپ تەرەپكە يولى بار،
بانكىرلارنىڭ يانچۇقى چىڭ تېگى تېگىدىن ئۇلى بار،
پۇل ئىشقىدا مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.

پىنھان جايدا ئۇچراپ قالسام ماڭا ئالما ئاتماڭلار،
سالما تەڭلەپ پاك قەلبىمگە قىر تۇۋىدە ياتماڭلار،
خىزمەتدىشىم قىزلارغا كۈندەش دەردى تارتماڭلار،
دورا سوراپ مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.

يوللىدىڭلار نەچچە قېتىم تېلفۇن ئۇچۇر سالام خەت،
قىزىقمايمەن ئاشنا  يارغا ئۇنداق قىلىش جىنايەت،
قوش نىكاھلىق بولۇۋىلىشقا يول قويمايدۇ سىياسەت،
چىللاپ باققا مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.

كەچۈرۈڭلار خالىمايمەن،بارالمايمەن سەيلىگە،
مەن كۆڭلۈمنى تىزگىنلەيمەن،قويۇۋەتمەي مەيلىگە،
قاندۇرىمەن ئائىلەمنى دادا، ئەرلىك مېھرىگە،
خىجىل قىلىپ مېنى ئىزدەپ ئىش ئورنۇمغا بارماڭلار.


تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت


(تەھرىردىن ئىزاھات:ھۆرمەتلىك مۇھەممەتنىياز ئەپەندى ،ئىملاغا ئالاھىدە  ئەھمىيەت بېرىڭ،بولۇپمۇ ئۈ  بىلەن  ئۇ، ئو...لارغا)


مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى.

     





15 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتنىياز(چارەك) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-20 15:17:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ