قەلبىمدىكى مۇھەببەت

تەغدىر ماڭا ئاجايىپ چاقچاقلارنى قىلىدۇ دېسە ، بېشىمغا كەلگەن بۇ ئىشلارنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ . ئۆزەم بەك ساددىمۇ ئەيتاۋۇر ، كىچىك بالىلاردەك قىلىقلارنى قىلىپ قويىمەن . مۇشۇ ساددىلىقىمدىن قانچىلىغان ئادەملەر ئەخمەق قىلىۋاغاندۇ؟ كۈنلۈرۈم مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتەتتى . بىز ناتونۇش ئىدۇق . تونۇشتۇق. ئالاقىمىز قويۇقلاشتى . تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ھېس قىلىپ قالدىم . ئۇ مېنى كۈنلەۋاتاتتى. سىنىپتىكى ئوغۇللار توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسەم ئاچچىقلايدىغان خۇي قىلدىغان بولۇپ قالدى . بۇئىشلار ئادەمنىڭ دىققىتىنى قۇزغايتتى . ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى . لېكىن مەن ئۇنىڭدىن مېنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراشتىن خىجىل بولاتتىم . ئەمما ئۇمېنى سىڭلىسى قاتارىدا كۆرىدىغاندەكلا بىلىنەتتى. لېكىن مەن ئوخشىمايتتىم. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بارچە ئىشلىرىمدىن كېچەلەيتتىم. نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايتتىم. مەن ئۇنى ئوماق شاھزادەم دەپ بىلەتتىم . ھەركۈنى ئويغانغىنىمدا تۇنجى بولۇپ قولۇمغا تېلېفۇن ئېلىپ ئوماق شاھزادەمگە تىلفۇن قىلاتتىم ياكى ئۈندىداردا گەپ قىلاتتىم . بەزى چاغلاردا ئۇنىڭدىن خەت كەلمەيتتى .تىلفۇنغا پات-پات قارايتتىم . لېكىن ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلمەيتتى . كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى . ئۇنى ئىزدىگۈم كېلەتتى. ئۇنىڭدىن خەت كەلسە تىترەيدىغىنى تېلېفۇنۇم ئەمەس يۈرۈكۈم ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاقلارغىچە پاراڭلاشقۇم كېلەتتى .چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن سوۋغاتى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام بەك خۇشال بولاتتىم .

بىز كۆرۈشكەن چاغ ھېلىھەم يادىمدا ، سېنىڭ ئەركەكلەرگە خاس سالاپىتىڭ، ئەركەكلەرگەخاس مېڭىشلىرىڭ، ماڭا قاراپ مىيىقىڭدا كۈلۈشلىرىڭ ، يۈرۈكۈمنى يايراتتى.

دەل شۇكۈنى سەن قەلبىمگە رۇخسەتسىز كىردىڭ. مېنى ئۆزەڭگە جەلىپ قىلدىڭ.كۆيدۈردۈڭ ھەم كۆندۈردۈڭ. تونۇشقىلى بىر يىل بوپقاپتۇ . بەزىدە بەك يېقىن بولۇپ كەتسەك ، بەزىدە ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتۇق . لېكىن شۇنداقتىمۇ بەك ئىناق ئۆتەتتۇق . ئۇ ماڭا بەك كۆيىنەتتى . ماڭا ياخشى بولسۇن دەيتتى . ئۇماڭا ياخشى يولغا باشلايتتى . مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ تۇرمۇشۇمدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر بولدى . بۇنىڭغا ئاتا-ئاناممۇ ھەيران ئىدى .

ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەن شاھزادەمنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم . ھەركۈنى تەكرارقىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باراتتىم . ئاشۇ كۈنى كۆڭلۈم يېرىم ئىدى . سېنى ئىزدىدىم ، لېكىن ساڭا كۆڭلۈم يېرىم دېيەلمىدىم . چۈنكى سەن بەك ھېرىپ كەتكەچكە، تېزلا ئۇخلايدىغىنىڭنى ئېيتقان ئىدىڭ. مەن ئېغىز ئاچالمىدىم . مەنمۇ تېلېفۇننى قويۇپ ، ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلدىم. ياتىدىغان چاغدا ، خىيال سۈرۈپ ياتتىم . خىيالىمدا يەنە ئۇ بار ئىدى . مەن چۈش دۇنيارىمغا ماڭماقتا ئىدىم .

چۈشۈمدە شاھزادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خىزمەت قىلىپ چۈشىگەن ئىدىم . بۇرۇنقىغا ئوخشاش سەھەر قوپۇپ شاھزادەمنىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم . نەدىن بىلەي ئۇكۈنى نەزىر قىلغانلىقىنى ، ئەنئەنە بويىچە قارىشىپ بېرەي دەپ چىنە قاچىلىرىنى يۇيۇپ بېرەي دەپ تۇرۇشۇمغا مېھمانلار كەلدى . ئۆي ئىچى توشۇپ كەتتى . ئۇكاڭنى كۆردۈم . ئۇكاڭ بىلەن ياخشى ئۆتمىگەچكە ،گەپ قىلىشمىغان ئىدۇق . سېنى كەلمىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم .ئىككىنچى قېتىم مېھمانخانىغا چىنىلارنى ئېچىقىپ قويۇش ئۈچۈن چىقسام ،كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم .شۇنچىلىك خىجىل بولدۇمكى ، ئۇنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. سەنمۇ كۆزۈڭگە ئىشەنمەيلا قالغانسە -ھە!

باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تۇتىۋالغان ئىدىم . چۈنكى ساڭا بولغان ئامراقلىقىم كۈندىن -كۈنگە ئېشىۋاتاتتى . ئاشلارنى تارتتۇق . ئاش بەك ئوخشىغان ئىدى . ئىچىمدە ساڭا بەك ئاچچىقىم كېلەتتى ، لېكىن ساڭا قارىسام ئاچچىقىم نەلەرگىدۇ غايىپ بولاتتى .

 مەن ئېشىمنى ئىچىپ بولۇپ،  چىنلارنى يۇيىۋاتاتتىم .كۆزئالدىمدا بىرئاپاش پەيدا بولدى. «ئاي قىزىم»:دەپ چاقىرىشلىرى خۇددە ئۆز ئانامدەك . چىراي شەكىللىرىدىن تارتىپ ساڭا ئوخشاشلىرى بىر قاراپ شاھزادەمنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى . يۈرۈكۈم ئويناپ كەتتى . قايناقسۇ قۇيۇپ بەرگەن ئىدىم . ئاپاي زۇكامداپ قالغان ئىدى .

ئىشلارمۇ تۈگەپ قالدى . مەنمۇ ماڭىدىغانغا تەمشەلدىم . ئاياغلىرىمنى كىيىۋاتقاندا، ئاچاشنىڭ :«ئاپىرىپ قويغايمۇ »دېگەن گېپىگە بەك كۈلگۈم كەلدى .خۇددى مەن بۇ ئۆيدە ھېچكىمنى تونىمايدىغاندەك :

-كىم! دەپ چۆچۈپ كەتكىنىم قىززىق .

-قەيسەر جانچۇ ؟ دېگىنىنى ئاڭلاپ«بولدى، ئاران بىر جەم بولغاندا »دەپ قويۇپ يولۇمغا راۋان بولدۇم .كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئۇ كەينىمدىن ماشىنىسىنى ھەيدەپ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇش مەقسىتىدە چۈشكىنىنى بىلىپ بەك خۇشال بولدۇم . مېنىڭ ئارزۇيۇم جىق ئەمەس، پەقەت شاھزادەم بىلەن كۈندە پاراڭلاشسام، دوسلىقىمىز مۇھەببەتكە قاراپ يۈزلەنسە ،كۇپايە ئىدى.

مېنىڭ شاھزادەمنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى پەقەت ئاللاھ ۋە ئۆزەم بىلىمەن. مانا بۇ مېنىڭ قەلبىمدىكى مۇھەببەت، ھەقىقىي مۇھەببەت !!!!





1378 قېتىم كۆرۈلدى mahiro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-3 13:56:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-5 12:53:52 kalbinur
yahxi yizipsiz
2016-4-17 23:46:27 بەرنائاي
ھىكايە گەرچە خىلى راۋان يىزىلغاندەك قىلسىمۇ بۇ ھىكايا بىردەم ئۈچۇنچى بىراۋغا ئىيتىۋاتقاندەك يەنە بىردە ئىكىنچى شەخسكە ئىيتىۋاتقاندەك ،يەنە بىردەم ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك چىقىپ قاپتۇ.
2016-3-18 22:36:56 ئەكبەر يەكەن
ياخشى بوپقويدۇ
2016-3-18 22:35:42 ئەكبەرجان ئ‍ەرچىن يەكەن
قىسقا بوپتۇ، لېكىن بەزى جايلار ئالامەت ياخشى چقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن ، كۆپرەك پىكىرلىشىپ تۇرايلى
2016-2-6 14:22:11 ahmat
bak yahxi yezipsizz
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ