ئۇنتۇپ باقمىدىم
گۈزەل غۇلجا دىيارىدىن مىھرىبان تالىپ
يىراقتا تۇرۇپ ئوتقا سالساڭمۇ ،
سىمايىڭدا يۈرەكنى ئەزسەڭمۇ.
ساختا مىھردىن سەن يانساڭمۇ ،
يايرىم سىنى ئۇنتۇپ باقمىدىم .
مەيلى سال ماڭا سەن كۈلپەت،
ئۆزگىگە گەر بەرسەڭمۇ ئۆلپەت .
بېرەلمىسەڭمۇ سۆيگۈ مۇھەببەت،
ئەزىزەم سىنى ئۇنتۇپ باقمىدىم .
سۆيمىسەڭمۇ يۈرەكتىن پەقەت ،
ئۆتمەن ھەركۈن سايەڭدە تېنەپ.
ئاساڭمۇ ھېجران دارىڭغا قىيناپ ،
ئەزىزەم سىنى ئۇنتۇپ باقمىدىم .
يازمەن ھەركۈن بىر ساڭلا مىسرا،
كىلىپ بولمىساڭمۇ قەلبكە ئەسرا .
تۆكۈپ كۈزۈمدىن ئۈنچە ياشلار ،
ئەزىزەم سىنى ئۇنتۇپ باقمىدىم .
ئاپتۇرى مىھرىبان تالىپ
نازۇك 1314520
| 182 قېتىم كۆرۈلدى | ihbali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-18 6:43:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-12-27 18:55:31 | مەمتىمىن تىۋىپ |
| ياخشى يېزىپسىز 👍 | |
| 2016-12-20 23:38:55 | تۇرپان ئوغلى |
| ياخشى يېزىپسىز دوستۇم ،تىرىشىڭ "!! | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|