بىل دوستۇم
ئېلىجان ئابدۇكېرەم ( بارچۇق ئوغلى )
تەرسالىقتا ياشاپ مەڭگۈ تەقدىرگە ،
باش ئەگمەيمەن دېيەلمەيسەن بىل دوستۇم .
ھەر كۈن ئويناپ توي تۆكۈندە بەزمىدە ،
ياش تۆكمەيمەن دېيەلمەيسەن بىل دوستۇم .
سەپەرلەردە ئۇچراپ تۇرار داۋانلار ،
كەتتىم دەپلا كېتەلمەيسەن بىل دوستۇم .
ھەر قەدەمنىڭ ئاستىدا بار مەنالار ،
يەشتىم دەپلا يېشەلمەيسەن بىل دوستۇم .
نە پەيلى بار تەڭ يولىدىكى ھەمراھ نىڭ ،
مەيلىم دەپلا سۆيەلمەيسەن بىل دوستۇم .
سېنى سۆيگەن سەنمۇ سۆيگەن يارىڭدىن ،
كەچتىم دەپلا كېچەلمەيسەن بىل دوستۇم .
كۈندىن كۈنگە ئېشىپ تۇرار ئارمانلار ،
يەتتىم دەپلا يېتەلمەيسەن بىل دوستۇم .
ئوتتەك يېنىپ پىراقىدا ئارماننىڭ ،
شامدەك كۆيۈپ ئۆچەلمەيسەن بىل دوستۇم.
ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىپ ئسىمنى ئۆچۈرمەڭ
ئۈندىدار 2318334127
| 35 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-23 10:40:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|