بىر دوستۇمغا ئىككى سىزما
ئىمىنجان ئابدۇرىھىم
1
مەن تونۇيمەن سىلنىڭ باشلىقنى ،
ئۇچوڭ بولغان بىزنىڭ مەلىدە·
ئاۋۇ كېشى داڭلىق ئادۇۋكات ،
بىللە بولغان بىزمۇ سەيلىدە·
مەن تونۇيمەن ئۇ ئايپاڭباشنى،
بىللە ناشتا قىلدۇق ئەتگەن،
ئۇچىقارغان بەش توم كىتابنىڭ،
ھەممىسىنى مەن تەھرىرلىگەن·
ئاۋۇ بىنا ئاخۇن ھاجىمنىڭ،
خەرىتىنى مەن سىزىپ بەرگەن·
ماۋۇ ناخشا ئالامەت مۇڭلۇق،
تېكىستىنى مەن يېزىپ بەرگەن·
قارائاۋۇ "بىك"نىڭ ئىگىسى،
مېنى كۆرسە چۈشۈپ ماڭىدۇ·
يولدا بۇنداق پىيادە ماڭسام·
ھېلى كۆرسە ھەيران قالىدۇ·
2
ئۆيۈڭنىغۇ چىرايلىق ساپسەن،
لېكىن ئورنى ياخشى ئەمەسكەن·
ئاۋات يەردىن تېپىپ بىراتتىم،
ئەسلى ماڭا دېسەڭ بوپتىكەن·
شارائىتى ياخشى ئەمەستى ،
سېنىڭ بالاڭ ئوقۇغان يەسلى·
سەن بالاڭنى بەرمەي تۇرۇپلا،
ماڭا دېگەن بولساڭچۇ ئەسلى·
قاچان ئالدىڭ بۇتوڭلاتقۇنى،
دېگەن بولساڭ بىللەباراتتىم·
ئالمايتۇقمۇ ئالىي چوڭىنى،
پۇل بولمىسا بېرىپ تۇراتتىم·
ئەمدى بىلسەم سېنىڭ ئىش ئورنۇڭ،
بەكمۇ يىراق يېزىدا ئىكەن·
بىز كۆرۈشكەن بولساق بۇرۇنراق،
شەدىمۇ كۆپ ئىدى ئىش دېگەن·
يېقىن قوشناڭ تۈگەپ كېتىپتۇ،
بىلمىدىم ئۇ قانداق كېسەلتى؟
خەۋەر تاپقان بولسام بۇرۇنراق،
داۋالىسام ئۆلۈپ كەتمەيتى·
25 قېتىم كۆرۈلدى | ئىمىنجان ئابدۇرىھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-24 20:08:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|