يۈرىگىم كەتتى سەن بىلەن

يۈرىگىم كەتتى سەن بىلەن

 

زىننەتگۈل مەمتىمىن

 

خوش دەپ كەتتىڭ يىراق شەھەرگە،

 قالدىمغۇ مەن يىراق سەھرادا.

ئىسىڭدىمۇ بىللە ماڭغا چاغ،

 ئىزلىرىمىز قالغان يوللاردا .

 

كىتەي دىسەم سەن بىلەن بىرگە ،

 چىدىمايمەن ئانا يۇرتۇمغا .

شۇ غولدىكى ياۋا گۈللەرمۇ ،

 گۈل -ئ‍ەمبەردەك پۇرار بۇرنۇمغا .

 

بىزئ‍ايلانغان توپىلىق يولدا،

 ئىزلىرىمىز تۇرار مۇڭلۇنۇپ .

 يۈرۈگۈممۇ كەتتى سەن بىلەن ،

ھىجراندا مەن قالدىم تولغۇنۇپ.

 

 13 . 12. 2015





431 قېتىم كۆرۈلدى زىننەتگۈل مەمتىمىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-13 19:48:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-16 21:02:43 يىگچى
ياخشى چىقىپتۇ تېخىمۇتېخىمۇ تېرشىڭ !!! قەلمىڭىزىگە بەرىكەت تېلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ