ئەزىزەمگە سۆز
گۈلزىرە مەخمۇت
كېتىۋاتىسەن ، مەن ئارقاڭدىن قاراپ تۇرماقتىمەن . بىرىنچى قەدەم ، ئىككىنچى قەدەم ، ئۈچىنچى قەدەم .......يۈزىنچى قەدەم ..... سەن يەنىلا ئارقاڭغا قايرىلمىدىڭ ! سېنىڭ مېنى كۆرۈشۈڭنى نەقەدەر ئۈمۈد قىلىدىغىنىمنى بىلەمسەن ؟ ياق ، سەن بىلىشنىمۇ خالىمايسەن شۇ تاپتا . سېنىڭ سىمايەڭ يىراقلاپ كەتتى ، سېنى يىتتۈرۈپ قويۇشتىن شۇنچىلىك قورقاتتىم ، بىراق سەن يەنىلا يوقاپ كەتتىڭ . ساڭا تەشنا بىر قەلبنىڭ مەۋجۇتلىقىنى سەن تامامەن ئۇنتۇدۇڭ ! بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ نېمە ئۈچۈنگە جاۋاب تېپىش ئىزدەندىم ، بىراق تاپالمىدىم . سەن شۇنچىلىك چۈشىنىكسىز كېتىپ قالدىڭ .....
قەدەملىرىڭگە قوغلاپ يېتىشىۋېلىشنى ئويلاشتىم ، بىراق يەنە توختاپ قالدىم : نېمىشقا كېتىسەن قېشىمدىن ؟ ! سەۋەبىنى تاپالمىدىم ، تېگىگە ئەسلا يېتەلمىدىم . پەقەت شۇ ساڭا ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ قالدىم ! نېمە بولغاندۇر دەپ ئويلىدىم ، بىراق خىياللىرىمنىڭ جاۋابى چىقمىدى . بوپتۇ ، دېمەكتىن باشقا ئامال بولمىدى . ئىلاجىسىز قالدىم جاۋاب تېپىشقا . بوپتۇ ، سەن كېتىۋەرگىن . بىلەمسەن ، ئىچىمدە: ياق ، كەتمىگىن ، مېنى تاشلاپ كەتمىگىن دەپ نەچچە مىڭ رەت خىتاپ قىلغىنىمنى . بىراق ئاۋازىمنى تېشىغا چىقىرالمىدىم . چۈنكى سەن ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى ئىدىڭ ، ھەرۋاقىت قېشىمدا ئىدىڭ.....ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغىنىمدا ، سەن قېشىمدا ئىدىڭ ! نېمە قىلارىمنى بىلمەي گاڭگىراپ يۈرگىنىمدە ، سەن ماڭا ھەمراھ ئىدىڭ ! كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرالماي قالغىنمدا ، سەن يەنىلا ماڭا ھەمراھ ئىدىڭ ! سەن ماڭا تەسەللى - مەدەتلەرنى بېرەتتىڭ ، يول كۆرسىتەتتىڭ ، مېھىر بېرەتتىڭ شۇنچىلىك مېھنەتسىز .....
سەن يولباشچىم ئىدىڭ ، سەن مەدەتكارىم ئىدىڭ . سەن كۈلكەمنىڭ سەۋەپچىسى ئىدىڭ ، سەن پۈتكۈل ھاياتىمنىڭ روھىي ئوزۇقى ئىدىڭ ! ئەمدى سەن يىغامنىڭ سەۋەپچىسى بولماقچىمۇ ؟ بۇ نېمە ئۈچۈن ؟! مانا ئەمدى سەن ماڭا قاراپمۇ قويماي كېتىۋاتىسەن ، گوياكى مېنى تونۇمايدىغاندەك ! ساڭا نېمە بولدى ئەزىزەم ؟ بىلمىدىم ، زادى نېمە بولدى ؟......تۈمەنلىگەن چىگىش خىياللار روھىمنى چۇلغىۋالدى . بۇ خىياللارنىڭ يەشكۈچىسى سەن ئىدىڭغۇ ؟ ......
2016ـيىلى 9-ئاينىڭ 21ـكۈنى
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
| 503 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-21 20:07:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|