ۋەتەن ئۈچۈن

ۋەتەن ئۈچۈن

 

ئەكبەر مۇھەممەد ئەمىن سەئىدى«قەلەم»

 

باشىڭ ئىگىپ تازىم ئەيلە، شۈكرانە ئەيىت،

 سىنى گۈلدەك ئەركىلەتكەن چىمەن ئۈچۈن،

 ئاسمانلاردا يۈرگەن بولساڭ تۇپراققا قايىت،

 ئېيتقىن دوستۇم نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن.

 

 كۆزى قارا، يۈرەكى ئاق شۇ ئەل ئۈچۈن،

 تۇپراق ئۈچۈن، شۇ يۇرت ئۈچۈن چىمەن ئۈچۈن،

 ئۇلۇغ ئىنسان باشلاپ بەرگەن شۇ يول ئۈچۈن،

ئېيتقىن دوستۇم نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن.

 

 ئېلىم ئۈچۈن، يۇرتۇم ئۈچۈن ،

 ياراتمىشتۇر بىزنى خۇدا ۋەتەن ئۈچۈن.

 نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟

كېرەك بولسا جانىم پىدا ۋەتەن ئۈچۈن.

 

 قاچانغىچە قارنىڭ ئويلاپ ئۆتەدۇرسەن؟

 قاچانغىچە كۆكتىن چەلپەك كۈتەدۇرسەن؟

 ئاخىر ۋەتەن بىرلادۇر ھەم سەن بىرلادۇرسەن.

 ئېيتقىن دوستۇم نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟

 

 بۇنچىۋالا قويما زەن سەن چاپانلارغا،

 سەرەتاندا ياپراق بولغىن دىھقانلارغا،

 سۈيۈنگىلى تاياق بولغىن چوپانلارغا،

 ئېييقىن دوستۇم نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟

 

ھىچكىمدىن كەم ئەمەس سەن كەم بولمىغايسەن،

 يەردە قالساڭ قۇياش بۇلۇپ كۈلمىگەيسەن،

 قاچان بەلنى مەھكەم تارتىپ باغلىغايسەن؟

ئېيتقىن دوستۇم نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟

 

 شۇ سايلاردىن سۇلار بولغىن يۈزۈڭگە سەن،

 بىر پەس نەزەر سالغىن باسقان ئىزىڭغا سەن،

 شۇ شۇئالنى بىرىپ كۆرگىن ئۆزۈڭگە سەن،

ئېيتقىن دوستۇم نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن؟

 

 ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: قەلەم

ئۈندىدار: 2030766982





130 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر مۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-5 23:06:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ