سېغىنىپ سېنى

سېغىنىپ سېنى

 

 ئ‍ابدۇۋەلى ئ‍ەزىزى

 

 داۋانلار ئېشىپ كەلدىم سېغىنىپ سېنى،

 كەلكۈن بولۇپ تېشىپ كەلدىم سېغىنىپ سېنى.

 ئۆمۈر قسقا ھايات چەكلىك دىدار غەنىيمەت،

 ئىللىق چىراي ئ‍ېچىپ كەلدىم سېغىپ سېنى.

 

 خۇشبۇي ھىدىم قىلسۇن دېدىم كۆڭلۈڭنى مەستىخۇش،

 گۈلدەك پۇراق چېچىپ كەلدىم سېغىنىپ سېنى.

 ئ‍ۆرتىگەچكە ۋۇجۇدۇمنى ھىجران ئازابى ،

 باغرىمغا سۇ سېپىپ كەلدىم سېغىنىپ سېنى.





114 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ابدۇۋەلى ئ‍ەزىزى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-16 16:10:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ