پۇلغا ئىشىنىپ يۈرگەنلەر
ئابدۇرسۇل ئەزىز قۇتلۇق
ياشاش ئۈچۈن دۇنيادا،
پۇل بولمىسا بولمايدۇ·
پۇل بولمىسا باشقىلار،
سىنى كۆزگە ئىلمايدۇ·
پۇل بولمىسا يانچۇقتا،
ھەر ئىشلىرىڭ ئاقمايدۇ·
كېچە كۈندۈز خىيالىڭ،
پۇلدىن نېرى كەتمەيدۇ…
قىزلار بولدى پاھىشە
پۇل تېپىشنىڭ كۇيىدا·
ئەرلەر بولدى ئىنساپسىز
قىزنى بۇزۇش ئۇيىدا…
قىزلار ئىشلەپ قاۋاقتا،
پۇلنى تاپتى مەس بۇلۇپ،
ئەرلەر بولدى بىپەرۋا،
كۆرۈپ تۇرۇپ كور بۇلۇپ…
قەرىز ئېلىپ ئوغۇللار،
توي قىلدىغۇ ھەشەمەت،
تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈنلا
پۇل خەجلەندە ئالامەت··
توي قىلىپلا نەچچە ئاي،
كەلدى سۈلەپ قەرىزنى·
پۇلنى قايتۇر دىگەنچە،
قىلدى يۇقۇرى ئەرىزنى…
قىز چىدىماي يامانلاپ،
كەتتى تاشلاپ ئېرىنى·
قالدى قەرىز يىگىتكە،
ساتتى ئاخىر ئۈيىنى…
نامرات كۆرۈپ ئېرىنى،
پۇلغا بۇزۇلغان ئاياللار·
ئەل ئالدىدا ئاتالدى،
ئەقىلسىز دەپ نادانلار…
بىر چىرايلىق ئۆيىدىن ،
كەچتى ئاسان ئاياللار·
دىدى شۇنداق ھەممدىن،
پۇل تاپقانلار يامانلار…
ۋىجدانىنى ساتقانلار،
تاپتى مەينەت ئاسان پۇل·
غۇرۇرىنى يوقۇتۇپ،
پۇلغا بولدى خالىس قۇل…
پۇل بارلارغا ئىگىلىپ،
سالام قىلىپ خوشامەت،
نامراتلارنى كۆرگەندە·
قىلمىدۇق بىز ساخاۋەت…
پۇل ئۈچۈنلا ئۆزىنى،
قۇيۋەتتىغۇ مەيلىگە،
پۇلغا ئىشنىپ يۈرگەنلەر،
كەتتى ئەنە قەبرىگە…
كەتكەرنىڭ كەينىدىن،
قاپتۇ دىدۇق مال-دۇنيا·
سېتىپ پۇلغا ۋىجداننى،
قىلمىدۇق بىز ھىچ ھايا…
2017-يىلى 1-ئايىنىڭ 6-كۈنى
كۇچا
203 قېتىم كۆرۈلدى | rusul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-7 6:22:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|