ئانام كېتىپ
مەمەتجان سەمەت
ئەجەپ يالغۇز چاندىمغۇ ئانام كېتىپ،
دەرت ئەلەمگە پاتتىمغۇ ئانام كېتىپ.
تاتلىق كۈلكەم شۇ سەۋەپتىن يوقۇلۇپ،
يېشىم يەرگە ئاقتىغۇ ئانام كېتىپ.
جان ئانامنى مەن باغرىمغا باسالماي،
تايچاق كەبى ئەركىلەپ يا چاپالماي.
يۇمشاق كۆرپە يوتقانلاردا ياتالماي،
قاتتىق يەردە ياتتىمغۇ ئانام كېتىپ.
ئۆز ئانامدەك ھېچ بىركىشى ئاۋايلاپ،
باقمىدىغۇ جان بالام دەپ ئازىلاپ.
ئازار بىرىپ بۇ قەلبىمگە ئارچىلاپ،
مېنى چەتكە قاقتىغۇ ئانام كېتىپ.
ئۆيلەرگىمۇ كىرمەس بولدى تۇققانلار،
بۇرۇن تولا كۈندە كىرىپ تۇرغانلار.
قىيامەتلىك دوستى قىلىپ تۇتقانلار،
ئەمدىلىكتە قاچتىغۇ ئانام كېتىپ.
جان داداممۇ روھى چىقىپ كەتكەندەك،
يۈرەر غەمكىن ھېلى ئۆلۈپ كەتكىدەك.
بىزمۇ قالدۇق توت بالا تاش تەمەكتەك،
يۈرەكلەرنىڭ باغرىشۇ ئانام كېتىپ.
قاچتى ئامەت قۇشلىرىمۇ مېنىڭدىن،
چقىپ تۇرغاچ كۆپ خاپىلىق چېھرىمدىن،
ئاھ نە قىلاي ئۆتتى ئازاب جېنىمدىن،
چىدىمايلا قالدىمغۇ ئانام كېتىپ.
ئەل ئارسىدا يىتىم بولۇپ ئاتالدىم،
ئانىسى يوق بىچارە دەپ سانالدىم.
كۆپ ئازار يەپ بەكمۇ تولا خارلاندىم،
دەرتلىرىمگە داۋاشۇ ئانام كېتىپ .
شۇنچە پاكىز رەتلىك ئېدى ھويلىمىز،
ئەمبەر پۇراپ تۇرارتتى بۇ بويىمىز.
جان ئانامنىڭ ئشچان چىۋەر قولىسز،
ئۆينى توپا باستىغۇ ئانام كېتىپ.
كەلگىندە يىلدا قۇتلۇق ھېيتىمىز،
يوق بولغاچقا ئانام ئەتكەن ئېشىمىز.
كۆڭۈل يېرىم ئېقىپ كۆزدىن يېشىمىز،
داستىخانغا تامدىغۇ ئانام كېتىپ.
بۇ دۇنيانىڭ جان ئانامنىڭ غېمىدە،
تۈنەر بولدۇم تاڭ ئاتقىچە كېچىدە.
كىممۇ يىتەر بۇ ھالىمنىڭ تېگىگە،
ئەلەم دارغا ئاستىغۇ ئانام كېتىپ.
ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
380 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-14 22:56:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-15 16:25:45 | ساداقەت |
ياخشى يىزىپسىز ئاكا |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|