پاك ئەقىدەم قالدى خارلىنىپ
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائىي
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىنىڭ ئەزاسى )
نىگاھىڭغا گۈل بوپ كۆرۈندى،
ۋاپاسىزلىق قوزغىغان قۇيۇن .
دىل خانەڭگە سىغمىغان سۆيگۈم ،
قىسىپ قالدى ھەسرەتتە بويۇن .
ۋىسال ئىزدەپ تالجىققان ئارمان ،
تاشلىنىپلا قالدى تەبىرسىز .
كۆزلىرىڭدە قاتقان سۆرىتىم ،
تاڭ قالدۇرۇپ يوقالدى ئىزسىز .
بارغىنىمدا خىلۋەت باغچىغا ،
كەچۈرمىشلەر قالغاچ ئىسەدەپ .
شادلىق قۇچقان بۇ جاي ئەسلىدە ،
مۇڭغا ئورۇن بېرىپتۇ ئەجەپ !؟
سىرداشقاندا لەزىز تۇيغۇدا ،
شاھىد بولغان بىزگە مەجنۇنتال .
ياپراقلىرى بۇ ئان شىۋىرلاپ ،
سورىغاندەك بولدى مەندىن ھال .
شاخلىرىدا ئۈنلىگەن بۇلبۇل ،
يوق ،ئورنىدا زاغ تۇرۇر مۈگدەپ .
مەن ئاشىققا باقمىدى قىيا ،
بەلكىم ھەلەك ھىجران چۈشەكەپ .
پۈرەكلىگەن بىر تۈپ ئەتىرگۈل ،
تۆكۈپ تۇرار ئاق يېغىندەك ياش .
ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتىدى ئازاپ ،
سەن بىخەۋەر بەلكىم باغرى تاش .
ئەسىر ئېتىپ تەگسىز خىياللار ،
ئىزتىراپتا مۇجۇلدى يۈرەك .
ئەھدىمىزنى ئۇنتۇپسەن نادان ،
ئايرىلىپتۇق ئۆمۈرلۈك ،دېمەك !.....
تىنىغىمدىن چېچىلغان ئاتەش ،
زىمىستاندا مۇزلىدى قېتىپ .
كەتتى ئۇچۇپ مۇھەببەت قۇشى ،
ئۈزۈپ ئۈمىد مەيۈس پەر قېقىپ .
ئۈششۈك تەككەن سۆيگۈ گۈلشىنى ،
تۆكتى غازاڭ سولۈپ ياپراقسىز .
پاك ئەقىدەم قالدى خارلىنىپ ،
دېشۋارىڭدا بوپقالدىم ساقسىز .
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
2017.3.19
7037 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-20 3:11:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|