ئانامسىز ئۆيۈمدە مۇساپىر بولدۇم
--رۇستەم مەخەت
گىرىمسەن ھېسلىرىم سەپەردە ئىكەن ،
ئانامسىز ئۆيۈمدە بولدۇم مۇساپىر .
كىچىنىڭ زۇلمىتى خەنجەر سۇغۇرۇپ ،
پىغانىم ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ ئاخىر .

سېغىنىش،تىۋىنىش ھەمراھكەن بىللە ،
كىچىنىڭ قوينىدا پىنھان ياش تۆكۈش.
ئېيتىپ بەر تاشلىدىڭ قايسى چۆللۈككە ،
ئۆيۈمدىن تارايدۇ ئاچچىق ئۆكۈنۈش .

مىھىر يوق ئۆيلەردە ھەركىم مۇساپىر ،
تۇرسىمۇ سوغوق تەن خىرامان ئۇخلاپ.
ھەرجايدا زورىغا تۇرساممۇ كۈلۈپ ،
ھېس تۇيغۇم قەۋرەڭدە تۈنەيدۇ يىغلاپ.

كىم دەيدۇ يۇرتىدىن ئايرىلمىغاننى ،
مۇساپىر بولمايدۇ خارمۇ بولمايدۇ.
ئالتۇندىن قوپۇرۇپ سالساڭمۇ ساراي ،
ئانىسىز ئۆيۈڭگە شاتلىق قونمايدۇ.

ئانىسىز ئۆيۈمدە ياقساممۇ گۈلخان،
قاچۇقتا ياش بىلەن مۇز بولۇپ قاتتىم.
چۈشۈمدە سىمايىڭ بولغاندا ئايان ،
ئۆزۈمنى شۇ ھامان باغرىڭغا ئاتتىم .

ئويغانسام چۈشۈمدىن مەن خار مۇساپىر ،
جان ئانا ئارقاڭدىن بارىمەن ئاخىر .
2016-يىلى 3-ئاي
| 49 قېتىم كۆرۈلدى | rustam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-15 14:32:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|